ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلىشىم ئاساسى ئۈستىدە بىرلىككە كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىرانغا قارىتا پىلانلانغان ھۇجۇمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ترامپ بۇ قارارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرقى كېلىشىمنى ھاسىل قىلىشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ترامپ Truth Social ھېساباتىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى، ئىران ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ھۇجۇمنى كەينىگە سوزۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېلىشىم ئاساسى ئۈستىدە بىرلىككە كېلىنگەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى «دەرھال، تولۇق ۋە تەلتۆكۈس» ئېچىشنى ھەمدە «ئىراننىڭ يادرو تەھدىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ترامپ: «بۇ تەلەپكە ئاساسەن، دۇنيانىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتى شۇنداقلا تەدرىجىي گۈللەنگەن ئىراننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش شەرتى بىلەن بۇ ھۇجۇمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قۇشۇلدۇم» دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭمۇ بۇ تەشەببۇسقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان ترامپ، ھۇجۇمنى توختىتىپ تۇرۇش قارارىدىن ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ئاتلىنىشتا «تولۇق تەييارلىنىپ بولغان ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈش دەقىقىسىدە تۇرغانلىقىنى» ئەسكەرتتى.

















