ئىسپانىيە شىمالىي ئافرىقادىكى ئالاھىدە تېررىتورىيەسىگە يوپۇرۇلۇپ كىرگەن كۆچمەنلەر ئېقىمىنى كەينىگە ياندۇردى.
قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتكەن 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كۆپىنچىسى ئاللىبۇرۇن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەينىگە قايتماقتا.
ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە (2026-يىلى 31-ئىيۇل) كۈنى، پەيشەنبە (30-ئىيۇل) كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ تەخمىنەن 50 مىڭ كىشىنىڭ چېگرادىن ئۆتكەنلىكىنى، جۈمە كۈنى سائەت 18:00 گىچە (ئەنقەرە ۋاقتى 20:00) 48,300 كىشىنىڭ قايتىپ كەتكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سېئۇتا يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى خۇان جېسۇس ۋىۋاس ئۆتكەن ئىككى كۈن ئىچىدە چېگرادىن ئۆتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ 60 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېئۇتادىكى ۋەكىلى جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، چېگرانىڭ ئىسپانىيە تەرىپىدە 57 جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى، ماراكەش تەرەپتىمۇ جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
خەۋەرگە قارىغاندا، بەزى كۆچمەنلەر سۇدا غەرق بولغان، يەنە بەزىلىرى چېگرا رېشاتكىسىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان دولقۇن توسمىسىغا يامىشىش جەريانىدا بېسىلىپ قالغان.
ماراكەش ئارمىيە قىسىملىرى سېئۇتا دەرۋازىسى ئالدىدا كالتەك بىلەن توسۇپ ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، كىشىلەرنى كەينىگە چېكىندۈردى.
چېگرادىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى ياۋروپادا پىكىر ئىختىلاپلىرىنى پەيدا قىلدى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى ئىسپانىيەنى بۇ ۋەقەنى تىزگىنلەشكە چاقىردى.
ئىتالىيە ئىسپانىيە بىلەن بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەنگەن ئەركىن چېگرا كېلىشىمىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تەدبىر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئايروپىلان ياكى پاراخوت بىلەن ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مادرىد بولسا، بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرتنامىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى ئىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Explained: Why Spain’s Ceuta is in the eye of a migrant storm in Africa




















