خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ئۇلانقاب شەھىرىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بىر تونېلنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 6 كىشى يارىلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەرلىك دائىرىلەر كېچە سائەتلىرىدە ئۇلانقابتكى تونېل قۇرۇلۇشىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋەقەدە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 كىشى يارىلانغان.
رايوندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.






















