ئىران دۆلەت تاراتقۇسى IRIB نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى دېڭىز ئارمىيەسى ھورمۇز بوغۇزىنى «كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە» ۋاقىتلىق تاقىغان.
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تاراتقۇسى خەۋەر قىلغان بىر باياناتتا، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى دېڭىز ئارمىيەسى، تاشقى ئارىلىشىشلارنىڭ ۋە بوغۇز ئارقىلىق پاراخوت ئۆتۈشى ئۈچۈن «قانۇنسىز بىر يۆنىلىش» بەلگىلەش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قاتتىق قايتۇرما زەربىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
باياناتتا، تۈرلۈك پاراخوتلارنىڭ ئۆز يۆنىلىشلىرىنى تۈزىتىش ۋە بېكىتىلگەن يۆنىلىش دائىرىسىدە ئىلگىرىلەش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلمىغانلىقى تىلغا ئېلىندى ھەمدە ئۆز سىستېمىلىرىنى تاقاپ دېڭىز بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر پاراخوتنىڭ بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىلغاندىن كېيىن توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى دېڭىز قىسمى، رايوندىكى ئامېرىكا مۇداخىلىسى ئاخىرلاشقۇچە ھېچقانداق پاراخوتنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى يەنە، رايوندىكى يېڭى دۈشمەن بازىلىرى دەپ تەرىپلىگەن ئورۇنلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ھەر قانداق يېڭى ھۇجۇم ياكى دەپسەندىچىلىكنىڭ قاتتىق جاۋابقا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى دېڭىز قىسىملىرى يەكشەنبە كۈنى سەھەردە، رۇخسەتسىز يۆنىلىشنى ئىشلىتىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بېكىتكەن بىر پاراخوتقا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقاندىن كېيىن، ھورمۇز بوغۇزىنى يېڭى بىر ئۇچۇرغىچە تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.





















