تۈركىيە 2026-يىلىنىڭ ئىككىنچى پەسلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەڭ كۆپ ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا بەشىنچى رەتتتىن ئورۇن ئالدى.
ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (Eurostat) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2026-يىلىنىڭ ئىككىنچى پەسلىدىكى خەلقئارا سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەزكۇر مەزگىلدە ئىتتىپاق سىرتىدىكى دۆلەتلەردىن 701 مىليارد 800 مىليون ياۋرولۇق مال ئىمپورت قىلغان، شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرگە 680 مىليارد ياۋرولۇق ئېكسپورت قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلغان دۆلەت 153 مىليارد 600 مىليون ياۋرو ۋە %21.9 لىك ئۈلۈش بىلەن خىتاي بولغان. خىتايدىن قالسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 98 مىليارد 700 مىليون ياۋرو، ئەنگلىيە 43 مىليارد 400 مىليون ياۋرو ۋە شىۋېيتسارىيە 36 مىليارد 900 مىليون ياۋرو بىلەن كېيىنكى ئورۇنلاردا تۇرغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلغان ماللىرىنىڭ قىممىتى ئىككىنچى پەسىلدە 25 مىليارد 500 مىليون ياۋرو بولغان. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلغان بەشىنچى دۆلەت بولغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلغان دۆلەت 127 مىليارد 700 مىليون ياۋرو بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن 92 مىليارد 700 مىليون ياۋرو بىلەن ئەنگلىيە، 60 مىليارد 500 مىليون ياۋرو بىلەن شىۋېيتسارىيە ۋە 50 مىليارد 300 مىليون ياۋرو بىلەن خىتاي بولغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئېكسپورتى بولسا 27 مىليارد 300 مىليون ياۋرو سەۋىيەسىدە بولۇپ، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىمۇ بەشىنچى رەت تىزىلغان.
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىمۇ ئىككىنچى پەسىلدە 52 مىليارد 800 مىليون ياۋروغا يەتكەن.




















