سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شەرئ «X» ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ ئازابلىق ئۆتمۈشتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات ۋە قايتا قۇرۇش يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن سۈرىيە خەلقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىلەرگە خىزمەت قىلىش يولىدا بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن» دېدى.
ئۇ يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا، شۇنداقلا سۈرىيەگە ھەمدەم بولغان بارلىق دوست ۋە قوللىغۇچى دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ 1979-يىلى كىرگۈزۈلگەن «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن رەسمىي چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
2024-يىلى دېكابىردا سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون بىلەن دەمەشىق ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى دەۋرگە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىلەر تېزلەشكەن.
سۈرىيەنىڭ مەزكۇر تىزىملىكتىن چىقىرىلىشى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي يېتىم قالدۇرۇلۇشىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم قەدەم، دەپ قارالماقتا.


















