باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باڭلادېشنىڭ ئەمدى دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ باڭلادېش رەھبەرلىكىنى نۇرغۇن ساھەلەردە ئۆزلىرى بىلەن بىللە بولۇشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باڭلادېش تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالدىنقى ھەپتە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ھۇمايۇن كەبىر: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقىغا بولغان قىزىقىشىمىزنى ئىپادىلىدۇق. باڭلادېش ھازىر دۇنيادا تونۇلغان بىر دۆلەت. غەربىي ئاسىيا (ئوتتۇرا شەرق) شېرىكلىرىمىز ۋە دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئەللىرى ھازىر باڭلادېش رەھبەرلىكىنى، بولۇپمۇ باش مىنىستىر تارىق راھماننىڭ رەھبەرلىكىنى نۇرغۇن سورۇنلاردا ئۆزلىرى بىلەن بىللە بولۇشقا چاقىرماقتا» دېدى.
ئىلگىرى تارىق راھماننىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھۇمايۇن كەبىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگەر غەربىي ئاسىيادا ئىسلام ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بىر خەۋپسىزلىك كېلىشىمى بولسا، ئۇ يەرگە بېرىشىمىز غەلىتە ئىش ئەمەس. بىز بۇنىڭغا قاراپ باقىمىز، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئىجابىي باھالانماقتا» دېدى.
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان 7-ئاۋغۇست كۈنى مەككىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاپ، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىش، مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە رايوندا ۋە رايون سىرتىدا تىنچلىق بىلەن مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى ئەسسافا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى.
















