«دې ھىل» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېگسېت ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى بىر ھەربىي بازىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا ئىران مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «ئەگەر كىنېتىك، يەنى بىۋاسىتە ھەربىي ھۇجۇملارنى قىلىشىمىزغا توغرا كەلسە، قىلىمىز. ئىران قولىدىكى كوزىرلارنى ھەددىدىن زىيادە ئىشقا سالسا ياكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تىركەشسە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىمىز» دېدى.
ئۇ ھازىر ئىرانغا «ئەڭ زور زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ئامىل»نىڭ ئىقتىسادىي بېسىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلدى.
تەۋسىيە
خېگسېت يەنە: «ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ھېچنېمىنى ئۆتكۈزەلمەيدۇ، ئەمما بىز ئۆتكۈزەلەيمىز. دۇنيا ئىقتىسادىمۇ بۇنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بوغۇزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن زور تەۋەككۈلچىلىك قىلدى، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىدى» دېدى.

















