ئافرىقا قىتئەسىدىكى نېفىت زاپىسى ئەڭ مول دۆلەت بولغان لىۋىيەدە، يېقىنقى مەزگىلدە زاۋىيە شەھىرىدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار ۋە توك ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىسى يېقىلغۇ كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى زاۋىيە شەھىرىدە قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە نېفىت ئەسلىھەلىرىگە ئۇچۇقچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملار، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.
لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى زاۋىيەدىكى ئەسلىھەلەردە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىكى كىلومېتىرلارچە ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆچىرەتلەر ئون كۈندىن بېرى تۈگىمىدى. بۇ كىرىزىسنى يەنە ئۈچ ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە كۈنىگە 4 سائەتتىن 10 سائەتكىچە داۋام قىلىدىغان توك ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىسى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. توك گېنېراتورى بولمىغان ماي پونكىتلىرى توك ئۈزۈلۈپ قالغاندا خىزمەت قىلالمىغاچقا، باشقا پونكىتلاردا ئادەتتىن تاشقىرى قىستا - قىستاڭچىلىق يۈز بەردى.
لىۋىيە پۇقرالىرى توك ئۈزۈلۈپ قالغاندا ئۆيىدىكى گېنېراتورلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن قاچىلار بىلەن بېنزىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولماقتا، بۇ ئەھۋال ماي پونكىتلىرىدىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.


















