نېتانياھۇ تۈنۈگۈن (چارشەنبە) ئەتىگەندە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائېل كاتز بىلەن بىرلىكتە ھەرمون تېغىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالى ئاستىدىكى رايونىنى زىيارەت قىلدى.
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نېتانياھۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «قانۇنسىز كىرىش» دەپ تەرىپلەپ، ئۇنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان «ئوچۇق-ئاشكارا دەخلى-تەرۇز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىق ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرى ۋە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك جىددىيلىشىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
دەمەشق ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە دۆلەتلەرنى ھۇجۇملارنى توختىتىش ھەمدە 1974-يىللىق «كۈچلەرنى ئايرىش كېلىشىمى»گە قايتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
نېتانياھۇ زىيارەت جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرمون تېغىدىن يەرمۇك دەرياسىغىچە سوزۇلغان رايون ئۈستىدىن مىسلى كۆرۈلمىگەن «مۇتلەق كونتروللۇق» ئورناتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزى «تېررورچى كۈچلەر» دەپ تەرىپلىگەن گۇرۇپپىلارنىڭ چېگراغا يېقىن جايلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ جەرياندا كاتزمۇ رايوندىكى ئىشغالنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىنى ئىپادىلەپ، ئايرىم تارقىتىلغان بىر سىندا: «بىز بۇ يەردىن كەتمەيمىز» دېدى.
ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە تەۋە گولان ئېگىزلىكىنى 1967-يىلدىن بۇيان ئىشغال قىلىپ كەلمەكتە. ئىسرائىلىيە 1981-يىلى بۇ رايوننى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىدى.
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى يېقىنقى مەزگىلدىكى رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا، سۈرىيە زېمىنى ئىچىدىكى كونترول دائىرىسىنىمۇ كېڭەيتتى.


















