خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
نېپال بىلەن خىتاي چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى يوق.
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى

سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نېپال-خىتاي چېگرا لىنىيەسى بويىچە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1 مىڭ 400 گە يەتكەن بولۇپ، 5 مىڭ 800 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەقدىرى تېخى نامەلۇم.

نېپال دۆلەتلىك ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپەت رايونىدىن 1 مىڭ 357 جەسەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، 587 نەپىرى چەت ئەللىك بولۇپ جەمئىي 5 مىڭ 326 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

چېگرانىڭ خىتاي تەرىپىدىكى تىبەت رايونىدا بولسا، چوڭ كۆلەملىك تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 43 كىشى ئۆلگەن، 519 كىشى يوقاپ كەتكەن.

ئىككى دۆلەتنىڭ رەسمىي مەلۇماتىغا قارىغاندا، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ 848 نەپىرى چەت ئەل پۇقراسى ئىكەن.

 خىتاي ھۆكۈمىتى نېپالغا تۆتىنچى تۈركۈمدىكى جىددىي ياردەم ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ، خىتاينىڭ بۇ قىيىن كۈنلەردە نېپالنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا 73 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بەش كۈنلۈك ھەربىي مانىۋېر باشلىدى
ياپونىيەنىڭ  نىيچىما ئارىلىدا تاغ گۆمۈرۈلۈش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، سودا سوممىسى كۆپەيمەكتە، قىزىل رەقەم ئاشماقتا
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا چېمپىيونى بولغان تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى