ھەربىي ئالىي كېڭىشى (YAŞ) جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىئاسەتچىلىكىدە بەشتەپەدە يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.
بىر قىسىم ئەسكەرلەرنىڭ مەنسىپى ئۆستۈرۈلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ تەيىنلىنىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ. گېنېراللار، ئادمىراللار ۋە پولكوۋنىكلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددەتلىرىگە ئائىت ئارخىپلار باھالاپ چىقىلىدۇ.
ھەربىي ئالىي كېڭىشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تەييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدۇ.
بەشتەپەدىكى يىغىن ھەربىي ئالىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئانىتقابىرنى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن باشلىنىدۇ.
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاكىن گۈرلەك، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافا چىفتىچى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى شۇنداقلا گېنېرالى مېتىن توكەل قاتارلىقلار جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىئاسەتچىلىكىدىكى يىغىندا تۇنجى قېتىم ئورۇن ئالىدۇ.
ھەربىي ئالىي كېڭىشىدا پولكوۋنىكلىقتىن گېنېراللىققا ۋە ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلىدىغان خادىملار بىلەن ئۈستۈن ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلىدىغان گېنېرال ۋە ئادمىراللارنىڭ ئارخىپلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. شتات يېتىشمەسلىك ۋە ياش چەكلىمىسى سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقىرىلىدىغان خادىملار بېكىتىلىدۇ. ئۆستۈرۈش ۋە پېنسىيە ئارخىپلىرىدىن باشقا يەنە قوشۇن قوماندانلىقلىرىدا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن بولغان ۋەزىپە ئۆزگىرىشلىرىنىڭمۇ كۆزدىن كەچۈرىلىشى كۈتۈلمەكتە.
ھەربىي ئالىي كېڭەش قارارلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەستىقىدىن كېيىن خەلققە ئېلان قىلىنىدۇ.















