سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى ترامپ ھۆكۈمىتى كۈتكەندىنمۇ قىيىن دەپ قارىماقتا
راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، قاتناشقۇچىلارنىڭ % 57 ى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش سەۋەبىدىن بىزار بولغانلىقىنى، % 58 ى بولسا تۇراقسىزلىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى ترامپ ھۆكۈمىتى كۈتكەندىنمۇ قىيىن دەپ قارىماقتا
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى ترامپ ھۆكۈمىتى كۈتكەندىنمۇ قىيىن دەپ قارىماقتا / AFP

CBS News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ يەكشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتا، ئامېرىكالىقلارنىڭ % 76 ى داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈتكۈنىدىندىن قىيىن بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

مەزكۇر راي سىناش 22-24-ئىيۇل كۈنلىرى CBS News تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە YouGov تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ % 58 ى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىنى، % 57 ى بولسا ئۈمىدسىزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا قاتناشقۇچىلارنىڭ % 36 ى چۈشكۈنلۈك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، پەقەت % 19 ىلا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

راي سىناشتا يەنە قاتناشقۇچىلارنىڭ % 20 ى ئۇرۇشنىڭ كۈتۈلگەندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، % 4 ى بولسا كۈتۈلگەندىن تېخىمۇ ئاسان بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلىغانلىقى مەلۇم بولغان.

توقۇنۇشتىكى تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىدە قاتناشقۇچىلارنىڭ % 40 ى ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى، % 38 ى بولسا ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، قاتناشقۇچىلارنىڭ % 22 ى ئىراننىڭ تېخىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى