خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
يەمەندىكى ھۇسىي قوراللىقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسىنىڭ «Typhoon» تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى نىشانغا ئېلىپ زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
(ئارخىپ) «ئەل مەسىرە» تېلېۋىزىيەسى يەمەننىڭ پايتەختى سەنئانىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نىشانى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرىئ، ھۇسىيلارغا قاراشلىق «ئەلمەسىرە» تېلېۋىزىيەسىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قوراللىق كۈچلىرىمىز سەل ئىلگىرى سەئدە ۋىلايىتىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا چارلاش قىلىۋاتقان بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئارقىلىق نىشانغا ئالدى. بومبا ئايروپىلانغا بىۋاسىتە تېگىپ، ئۇنى چۈشۈپ كېتىش خەۋپىگە يۈزلەندۈردى».

باياناتچى سەرىئنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ ئايروپىلان سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «Typhoon» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تايىف ھەربىي بازىسىدىن قوزغالغانىدىكەن. ھازىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بۇ ۋەقەگە قارىتا ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.

مۇشۇ ۋەقەگە ئۇلىشىپلا، «ئەلمەسىرە» تېلېۋىزىيەسى يەمەننىڭ پايتەختى سانانىڭ قەستەن ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم-يېتىم ۋە ۋەيرانچىلىق ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەمەندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

يەمەندە 2014-يىلى سېنتەبىردە ھۇسىي قوراللىقلىرى پايتەخت سانا ۋە باشقا بىر قىسىم مۇھىم ۋىلايەتلەرنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغاندىن بۇيان، مەملىكەت ئىچىدىكى قانلىق ئىچكى ئۇرۇش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توختاۋسىز توقۇنۇشلار دۆلەتنى ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا پاتتۇرۇپ قويغان بىر پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان يېتەكچىلىكىدىكى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ 2015-يىلى مارتتىن باشلاپ خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان قانۇنلۇق يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوراللىق قوللاپ، ھۇسىيلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ