پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
5 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا مۇداپىئەسىنى قايتىدىن لايىھەلەش: خىيالپەرەستلىكمۇ ياكى ئىستراتېگىيەمۇ؟»
ياۋروپادىكى خەۋپسىزلىك مۇنازىرىلىرىنىڭ مەركىزىدە نېگىزلىك بىر زىددىيەت مەۋجۇت: بىر تەرەپتە، تېخىمۇ زور ھەربىي كۈچكە ئايلىنىش چاقىرىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلسا، يەنە بىر تەرەپتە، ئاللىقاچان مۇشۇنداق كۈچكە ئىگە بولغان مۇھىم سىياسىي كۈچلەرگە سەل قارالماقتا.
ياۋروپا مۇداپىئەسىنى قايتىدىن لايىھەلەش: خىيالپەرەستلىكمۇ ياكى ئىستراتېگىيەمۇ؟»
ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن تۈركىيە ھەققىدىكى سۆزلىرى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئايخان سارى

ياۋروپادىكى خەۋپسىزلىك مۇنازىرىلىرىنىڭ مەركىزىدە نېگىزلىك بىر زىددىيەت مەۋجۇت: بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ زور بىر ھەربىي كۈچكە ئايلىنىش چاقىرىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاللىقاچان مۇشۇنداق كۈچكە ئىگە بولغان مۇھىم سىياسىي كۈچلەرگە سەل قارالماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ياۋروپانىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئىنتايىن روشەن گەۋدىلەنمەكتە.

يەر شارى خەۋپسىزلىك سىياسىتى كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مەركىزىي سوئال: «دۆلەتلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قانداق قوغدايدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

نۆۋەتتە خەلقئارا تەرتىپ چوڭقۇر ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. بىر تەرەپتىن ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقلار زەئىپلىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئاپتوماتىك قورال سىستېمىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەكتە. ھەتتا سانائەت ئىقتىدارى چەكلىك بولغان دۆلەتلەرمۇ ئەمدىلىكتە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۈچلەرگە كۆرۈنەرلىك زىيان يەتكۈزەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى. ياۋروپا بولسا مەزكۇر ئىككى خىل تەرەققىياتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.

ئورتاق مۇداپىئە ئىتتىپاقى ئۆز ئىشەنچلىكلىكىنى يوقىتىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك ئاساسىنى تىترەتمەكتە. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىشەنچسىز بىر ھامىيسى سۈپىتىدە بارغانسېرى روشەن گەۋدىلىنىۋاتقان بولسا، رۇسىيە ھەربىي بېسىمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە. شۇنداقتىمۇ، ياۋروپا بۈگۈنگە قەدەر مۇستەقىل بىر خەۋپسىزلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشنى ياكى ئۆز مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىشنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.

مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، ياۋروپا ئۈچۈن مەۋجۇت ئىتتىپاقداشلىقلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە يېڭى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ياۋروپانىڭ قوشنىدارچىلىق مۇھىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەمراھ نامزاتى، شۈبھىسىزكى، تۈركىيەدىن ئىبارەت. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيە يەنىلا نۇرغۇنلىغان ياۋروپالىق سىياسەتچىلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقىغا ۋە سەل قارىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن يېقىندا تۈركىيەنى خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز كەلگۈسىنى بۇ ئۈچ دۆلەتتىن مۇستەقىل ھالدا شەكىللەندۈرۈشى كېرەك»، دەپ دەۋا قىلدى. ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ (ECFR) يېقىنقى بىر دوكلاتىمۇ نۇقتىلىق ھالدا مۇشۇ خىل مەيداننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

«ت ر ت گېرمانچە» قانىلى ئۈچۈن ئايخان سارى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ ماقالە، مەزكۇر دوكلاتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا نېمە ئۈچۈن كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز-ئۆزىگە توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ.

***

ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى دوكلاتىنىڭ مۇئەللىپلىرى، ياۋروپانىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئۈچ ئاساسىي باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەكلىكى تۈپ يەكۈنىنى چىقارغان. ئۇلار:

  • شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى ئورگانلار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قولىدىكى ۋاسىتىلەر ۋە جانلىق ئىتتىپاقداشلاردىن تەشكىل تاپقان ئورتاق بىر قارار چىقىرىش مېخانىزمى؛

  • تېز سۈرئەتتە سەپەرۋەر قىلغىلى بولىدىغان كۈچلۈك بىر قوراللىق قوشۇن؛

  • بۇلارنىڭ سانائەت تايانچى سۈپىتىدە ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان بىر ياۋروپا مۇداپىئە سانائىتىدىن ئىبارەتتۇر.

بۇ پىلانلارنى ئوقۇغاندا كىشىنىڭ قايتۇرىدىغان تۇنجى ئىنكاسى: «بۇ ئىنتايىن ئەقىلگە مۇۋاپىقكەن» دېگىنى بولىدۇ. ئىككىنچى سوئال بولسا: «ياخشى، ئەمما بۇ زادى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دېگەن سوئالدىن ئىبارەت. ئۈچىنچى سوئال بولسا مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئاشكارىلايدۇ: «ئەگەر بۇ تەكلىپلەر شۇنچە روشەن تۇرسا، ياۋروپا نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن نەچچە ئون يىل جەريانىدا بۇلارنى بىرەر قېتىممۇ يولغا قويمىدى؟» مەن تېخى «ياۋروپا ئارمىيەسى»نى تىلغا ئېلىپمۇ ئولتۇرمايمەن، چۈنكى ياۋروپا تېخىچە بىر ئورتاق مۇداپىئە مېخانىزمىنىمۇ قۇرۇپ چىقالمىدى.

ۋەھالەنكى، دونالد ترامپنىڭ 2016-يىلى ئاق سارايدىكى تۇنجى ھوقۇق بېشىغا چىققان مەزگىلىدىن باشلاپلا، ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈنلۈكىگە ئەمدى ئۈمىد باغلىغىلى بولمايدىغانلىقى ئاللىقاچان ئاشكارا بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپانىڭ دەل مەركىزىدە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر ئۇرۇشمۇ بار. ئۇنداقتا، خەۋپسىزلىك سىياسىتىدە دۇمباق چىلىنىۋاتقان تۈپ ئۆزگىرىش نېمە ئۈچۈن يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىدى؟ ياۋروپادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سىياسەتچىلەرنىڭ مەيدانىغا نەزەر سېلىش بىزنى بىر قىسىم مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېخى 2015-يىلىلا، ئاشۇ چاغدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ژان-كلود يۇنكېر رۇسىيەگە قارىتا قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، بىر ئورتاق «ياۋروپا ئارمىيەسى» قۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كايا كاللاس يېقىندا بۇنداق بىر پىكىرنى «ئىنتايىن خەتەرلىك» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە بۇ تەشەببۇسنى ياقلىغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئاقىۋەتلەرنى ئويلاشقان-ئويلاشمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەڭ ئاشكارا باھانى بولسا ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويدى: ياۋروپانىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياردىمىسىز ئۆزىنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ھەر قانداق كىشى «شېرىن خىيال سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ». رۇتتېنىڭ قارىشىچە، ئايرىم بىر ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش، ئالدى بىلەن ناتو ئىچىدە تەكرار قۇرۇلمىلارنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

مەزكۇر دوكلات ئاخىرقى ھېسابتا بۇ پىلانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل مەغلۇبىيەتكە ئۈچراپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دوكلات نىشانلارنى توغرا بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ ئەمەلىي يولىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن.

ئوخشىمىغان خامچوت سىستېمىسىغا، قورال سانائىتىگە، تەھدىت تۇيغۇسىغا ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق 27 دۆلەتنى ئورتاق بىر مۇداپىئە بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش، پەقەتلا سىياسىي ئىرادە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىر قۇرۇلمىلىق مەسىلىدۇر. «كۆۋىد-19» يۇقۇمى ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ھەتتا قوغدىنىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەشتەك بىر قەدەر ئاددىي كىرىزىسلاردىمۇ نەقەدەر ئاجىز ۋە چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ئورگانلارنىڭ ئەمدىلىكتە ئورتاق قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنى، قوراللىنىش پىلانلىرىنى ۋە يادرو توسۇش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ھەر قانداق كىشى، دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەت كۈچىگە بەكلا سەل قارىغان بولىدۇ. ئەسلىدە دوكلاتنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە دەز كەتكۈزگەن نەرسە، ئۇنىڭدا تەلەپ قىلىنغان ئامىللاردىن بەكرەك، تىلغا ئېلىنماي سۈكۈت قىلىنغان مەسىلىلەردۇر. چۈنكى ئەڭ مۇھىم سوئال يەنىلا جاۋابسىز قالماقتا: ياۋروپانىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا ئوخشاش بىر ساھەدە مەغلۇپ بولۇپ تۇرۇپ، بۈگۈن كېلىپ غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈپ ئۆزگىرىش زادى نېمە؟

***

دۇنيا كۈتۈپ تۇرمايدۇ: ياۋروپا نېمە ئۈچۈن قۇرۇق خام خىياللىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك؟

ھەقىقىي مەسىلە ھەر قانداق بىر ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتتىنمۇ بەكرەك چوڭقۇر بىر نۇقتىغا يوشۇرۇنغان. نۇرغۇنلىغان ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر دۇنيانىڭ ئۆزلىرى قۇرۇپ چىققان خىيالىي دۇنياسىغا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى ئاچچىق ھەقىقىي ئەھۋالىغا توغرا قاراشتا ئىزچىل ئاجىزلىق قىلماقتا.

یاۋروپا نەچچە ئون يىلدىن بېرى مەنپەئەتلىنىپ كەلگەن جۇغراپىيەلىك كۈچ ئەۋزەللىكى ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس. ياۋروپا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنىلا ئەڭ مۇھىم قۇتۇپلارنىڭ بىرى بولۇپ داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەربىي ساھەدە باشقا دۆلەتلەر ياۋروپانى قوغلىشىپ يەتتى، ھەتتا بېسىپ چۈشتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈنلۈكى ياۋروپانىڭ مۇشۇنداق ئاجىز رېئاللىقىنى ئۇزۇن مەزگىل تولۇقلاپ كەلدى. ئەگەر ۋاشىنگتون ئۆزىنىڭ قوغداش كاپالىتىنى تېخىمۇ ئازايتسا، ياۋروپانىڭ ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك كەمتۈكلۈكلىرى تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، رىقابەتچىلەر ئاجىز تەرەپلەردىن ئىزچىل تۈردە پايدىلىنىپ كەلگەن.

شۇڭلاشقا، ياۋروپانىڭ كەلگۈسىدىكى خەۋپسىزلىك ئارخىپىغا ئائىت بىر دوكلاتتا تۈركىيەگە دېگۈدەك پۈتۈنلەي سەل قارىلىشى ئىنتايىن ئەجەبلىنەرلىك بىر ئەھۋالدۇر. ۋەھالەنكى، تۈركىيە ھەم ھەربىي، ھەم جۇغراپىيەلىك سىياسىي جەھەتتىن زور سالماققا ئىگە بىر كۈچتۇر. تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا رۇسىيە بىلەن بولغان مۇۋازىنەت ۋە كۈرەشلەردە ئەمەلىي ھەم ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەن ساناقلىق ناتو دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مۇشۇنداق بىر مۇھىم شېرىككە سىياسىي ياكى ئىدېئولوگىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەل قاراش، ئوبيېكتىپ تەھلىل خاراكتېرلىك باھالاشقا ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك بىر خاتالىققا ياتىدۇ. بۇ خىل پەرۋاسىزلىق تۈركىيەنىڭ مۇھىملىقىدىن بەكرەك، ياۋروپادا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ نەقەدەر تار ۋە چەكلىك ئىكەنلىكىنى روشەن نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى