جەنۇبىي كورېيەنىڭ «يونخاپ» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدە، يەنى ياپونىيە دېڭىزىدا يېڭى بىر قېتىملىق قورال-ياراغ سىنىقى ئېلىپ بارغان. سىناق جەريانىدا، مەخسۇس سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىمۇ سىناقتىن ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سۇ ئاستى جەڭ سىستېمىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكەت ۋە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىكەن.
مەلۇمكى، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى 12-ئۆكتەبىردە بەرگەن مەلۇماتىدىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىز يۆنىلىشىگە قارىتىپ بىر نەچچە دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ھەمدە ئۇ بومبىلارنىڭ دېڭىزغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى ھاۋادا 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.




















