مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پورتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئارمىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىدىكى ھەربىي مۈلۈك، يېقىلغۇ ۋە ماي ئىسكىلاتلىرى ھەمدە يۈك ئالماشتۇرۇش مۇئەسسەسەلىرىگە زەربە بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئودېسسا پورتىنىڭ شىمالىي شەرقىگە ئورۇنلاشقان بېليارى ۋە نوۋىيې بېليارى ئاھالىلەر ئورۇنلىرىدىكى يېقىلغۇ باكلارنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
تەۋسىيە
باياناتتا، ھۇجۇملاردا ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار ھەمدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.















