ئىراق ھەربىي باياناتچىسى ساباھ ئەننۇمان چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىشىملارنىڭ ئىراقتىن چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى ۋە بۇ مۇساپىنىڭ 30-سېنتەبىرگىچە تاماملىنىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (INA) خەۋەر قىلىشىچە، ئەننۇمان «ئەلئىراقىييە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، چېكىنىش خىزمەتلىرىنىڭ باش مىنىستىر ئەلى فالىھ ئەززەيدىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن بىۋاسىتە ماسلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە كېلىشىلگەن ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەننۇمان 2014-يىلى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قاتناشقان گېرمانىيە كۈچلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەربىلدىن چېكىنىش خىزمەتلىرىنى چارشەنبە كۈنى تاماملىغانلىقىنى ئېيتتى.
گېرمانىيە قىسىملىرى 2015-يىلىدىن بۇيان ئەربىلدە تۇرۇپ، ئىراق كۈچلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش، قورال پىروگراممىلىرى ۋە ھاۋادىن رازۋېدكا قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئەننۇماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېكىنىۋاتقان كۈچلەر ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يولى ئارقىلىق يۆتكىلىشى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بىلەن بىۋاسىتە ماسلاشتۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىنماقتا ئىكەن.
گېرمانىيە كۈچلىرى ئىلگىرى ئەربىل ئايرودۇرۇمىدا ئىشلەتكەن ئەسلىھەلەر ئايرودۇرۇم دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
ئەننۇمان بۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىتتىپاقداش قىسىملار ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئەينۇلئەسەد ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە بالاد قاتارلىق سابىق ئىتتىپاقداش قىسىملار بازىلىرىنىڭ ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىراق يانۋاردا ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ غەربىي ئەنبار ۋىلايىتىدىكى ئەينۇلئەسەد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن چېكىنىپ، بازىنى ئىراق كۈچلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن كېيىن، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى باسقۇچ 2026-يىلى 30-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئەربىل ئارقىلىق سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەننۇمان باش مىنىستىرنىڭ 30-سېنتەبىردىن كېيىن ئىراق بىلەن ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن كومىتېت قۇرۇشقا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق بولۇپمۇ ئىستىخبارات ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا قورال پىروگراممىلىرى ساھەسىدىكى داۋاملىق ماسلىشىشنى ئاساس قىلىدۇ.
خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانى باغداد بىلەن ۋاشىنگتون 2024-يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلغان كېلىشىمگە ئاساسلىنىدۇ. كېلىشىمدە ئىتتىپاقنىڭ ھەربىي ۋەزىپىسىنى تەدرىجىي ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىگە ئۆتۈش بەلگىلەنگەن. بۇ مۇساپىنىڭ 2026-يىلى سېنتەبىردە تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئەننۇمان چېكىنىۋاتقان كۈچلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەرتىپلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى، قاتناش لىنىيەلىرى ۋە بارىدىغان جايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق ماسلىشىش ئىچىدە ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بارلىق يۆتكىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ رەسمىي تەستىققا باغلىق ئىكەنلىكىنى ۋە باش قوماندانغا كۈندىلىك دوكلات سۇنۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق 2014-يىلى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ كەڭ رايونلىرىنى كونترول قىلىۋالغان دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. ئىراق 2017-يىلى دېكابىردا بارلىق زېمىنىنى دائېشتىن قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەشكىلات ئاندا-ساندا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.


















