خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەدە بەش ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ئوغرىلاندى
فىرانسىيەدىكى بەش ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىن قىممەت باھالىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ئوغرىلانغان بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى 29-سېنتەبىر كۈنى پايتەخت پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
فىرانسىيەدە بەش ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ئوغرىلاندى
فىرانسىيەدە بەش ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ئوغرىلاندى

فىرانسىيەدە بەش ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى «Franceinfo» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا رون (Rhone) ۋىلايىتىدىكى تۆت، ئىسېر (Isere) ۋىلايىتىدىكى بىر ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدا ئوغرىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

مەزكۇر ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتلىرىدىن قاتناش ۋەقەسى جەريانىدا ئاپتوموبىللىرىدا قىسىلىپ قالغان پۇقرالارنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بېسىملىق سۇ قۇتقۇزۇش قايچىلىرى ئوغرىلانغان.

مىڭلىغان ياۋرو قىممىتىدىكى بۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، مەزكۇر ئوغرىلىق ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش باشلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەزىپىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتەش ئۈچۈن كۆپ خىل ئىمكانىيەت ۋە خادىم تەلەپ قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، 29-سېنتەبىر كۈنى پايتەخت پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق ھاۋانىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغان فىرانسىيەدە، بۇ يىل يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن 117 مىڭ گېكتارلىق يەر كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ