جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈيۈك قايتۇرما ھۇجۇم غەلىبىسىنىڭ 104 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك يوللىدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈيۈك قايتۇرما ھۇجۇم غەلىبىسىنىڭ 104 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك يوللىدىجۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 26-ئاۋغۇست باشلانغان بۈيۈك قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ ئانادولۇنىڭ تۈرك يۇرتى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېتىراپ قىلدۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈيۈك قايتۇرما ھۇجۇم غەلىبىسىنىڭ 104 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك يوللىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈيۈك قايتۇرما ھۇجۇم غەلىبىسىنىڭ 104 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك باشلىق مۇستەقىللىق يولىدا بەدەل تۆلىگەن پۈتۈن شېھىت ۋە غازىلارنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئانادولۇنىڭ مۇقەددەس تۇپراقلىرىغا سوزۇلغان مەينەت قوللارنى زېمىنىمىزدىن يوقىتىش ئۈچۈن باشلىغان بۈيۈك قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ 104 - يىللىقىدا، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك باشلىق مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئېزىز جېنىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزنى ۋە غازىلىرىمىزنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن.»

«تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن كۈن» دەپ ئاتالغان 26-ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان بۈيۈك قايتۇرما ھۇجۇم، 30-ئاۋغۇستتىكى بۈيۈك غەلىبە بىلەن ئانادولۇنىڭ مەڭگۈلۈك تۈرك يۇرتى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ