رۇسىيە تەرىپىدىن قىرىم باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن سېرگېي ئاقسيونوف تېلېگرام (Telegram) قانىلى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا: «سېمفېروپولدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشمىغان ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان دۈشمەننىڭ (ئۇكرائىنانىڭ) ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 7 كىشى يارىلاندى» دېدى.
ئاقسيونوف بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان يەنە بىر باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ شەھەر پويىزىغا تەككەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئازوۋسكېدىن كېرىچكە قاراپ مېڭىۋاتقان شەھەر ئەتراپى پويىزىغا دۈشمەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 كىشى يارىلاندى. جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ھەرىكەت ئەترەتلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.






















