جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ھېيتنىڭ مەنىۋى ئىقلىمىنىڭ مۇھىملىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.
ئەردوغان ئۇچۇرىدا، توقۇنۇش ۋە قىيىنچىلىقلار ئاستىدا ھېيتنى كۈتۈۋالغان رايونلارنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«رەببىمىزنىڭ مەنىۋى بىر لۇتفى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ دۆلىتىمىز، ئەزىز مىللىتىمىز، ئىسلام دۇنياسى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرىلىك ئېلىپ كېلىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن. غەززە قاتارلىق قەلب جۇغراپىيەمىزنىڭ ئوخشىمىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا بۇ ھېيتنىمۇ غەم-قايغۇ، ئازاب ۋە يۈرەكلىرىدە ئىنچىكە بىر سىزىم بىلەن كۈتۈۋالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئۆزۈم ۋە مىللىتىم نامىدىن ئەڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئۇچۇرلىرىمنى يوللايمەن ھەمدە قۇربان ھېيتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تەبرىكلەيمەن.
رەببىم بىزنى ھەم مىللەت ھەم ئۈممەت سۈپىتىدە، مەركىزىدە تىنچلىق، خاتىرجەملىك، بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق بولغان تېخىمۇ كۆپ ھېيتلارغائېرىشتۇرسۇن. ھېيتىمىز مۇبارەك بولسۇن.»



















