گرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنا پەلەستىننى قوللاش نامايىشلرىغا ساھىبخانلىق قىلدى. نامايىشچىلار گرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىقىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.
موناستاناكى مەيدانىدا جەم بولغان مىڭلارچە كىشى كېيىنچە شوئارلار بىلەن سىنتاگما مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
گرېتسىيەنىڭ نۇرغۇن ئاراللىرىدىمۇ پەلەستىنگە ئازادلىق يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى. 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، گرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرەپدارى سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە، پەلەستىن تەرەپدارى نارازىلىقلار سەۋەبىدىن گرېتسىيەدىكى پۇقرالىرىدىن ئۆزلىرىنى يوشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گرېتسىيەدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرگە «دىققەتلەرنى تارتماسلىق ۋە سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش» ئاگاھلاندۇرۇشىدا بولدى.
















