خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
CNN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان يېڭى ھۇجۇم پىلانلىرىدا «بارلىق بومبىلارنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتىلىدىغان GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىش ئېھتىمالىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
CNN: «ئامېرىكا ئىرانغا قارشى "بارلىق بومبىلارنىڭ ئانىسى" دەپ ئاتالغان GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ»

CNN  نىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان ئامېرىكالىق مەسئۇللارغا تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئارا سايلامدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قايتا باشلاشقا رۇخسەت بەرسە، ۋاشىنگتون GBU-43/B (MOAB) بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە، بۇ قورال ئامېرىكا قورال ئامبىرىدىكى ئەڭ چوڭ يادروسىز بومبا دەپ تەسۋىرلەندى. ئۇنىڭ ئىرانغا قارشى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشىنىڭ توقۇنۇشتىكى جىددىيچىلىكنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىشىنىڭ مۇمكىنلىكى، بىراق ترامپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يېتىشتە قانچىلىك ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

CNN  نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ترامپ ئارمىيەگە ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىشانلارغا قارىتىلغان قوشۇمچە ھۇجۇم پىلانلىرىنى تەييارلاشنى بۇيرۇغان. بۇ پىلانلاردا MOAB نى ئىشلىتىش ئېھتىمالىمۇ بار. خەۋەردە يەنە كازما تېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردىكى باھالاشقا قارىغاندا، MOAB  كەڭ رايونغا تەسىر كۆرسىتىشكە ماس كېلىدۇ، ئەمما يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىدىغان ئوق بېشى سۈپىتىدە لايىھەلەنمىگەن. بومبىنىڭ كەڭ پارتلاش دائىرىسى پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ئېھتىمالىغا دائىر ئەندىشىنى كۈچەيتىدۇ.

CNN  يەنە ترامپنىڭ بۇ بومبىنى ئىرانغا قارشى پىسخىكىلىق تەسىر كۆرسىتىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى تاللىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ