ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3-نويابىردىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغىچە ئىرانغا قارىتا ھەر قانداق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
نىيۇ يورك تايمېس (NYT) گېزىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۈچ ئاۋىياماتكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، ترامپنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئارمىيەنىڭ ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىسكىلاتى، شۇنداقلا ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ھەربىي نىشانلارغا قارىتا ھۇجۇم پىلانلىرىنى تەييارلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
تەخمىنەن 3 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇملاردا يەنە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ قوماندانلىق مەركەزلىرى ۋە قارارگاھلىرىنىڭمۇ نىشان قىلىنىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3-نويابىردىكى دۆلەت مەجلىسى ئارىدىكى سايلاملىرىغىچە ئىرانغا قارىتا ھېچقانداق ھۇجۇم ئېلىپ بارمايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

















