خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئاردا گۈلەرنىڭ توختامىنى 2032-يىلى 30-ئىيۇنغىچە ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كۇلۇب چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خانلىق مادرىد بىلەن ئاردا گۈلەر پۇتبولچىمىزنىڭ توختامىنى 2032-يىلى 30-ئىيۇنغىچە ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشتى» دېدى.
ھازىر 21 ياشقا كىرگەن بۇ ھۇجۇمچى ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى 2023-يىلى ئىيۇلدا، 18 يېشىدا فەنەرباھچەدىن خانلىق مادرىدقا يۆتكەلگەنىدى.
گۈلەر كۇلۇبقا قوشۇلغاندىن بۇيان بارلىق تۈردىكى جەمئىي 126 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 22 توپ كىرگۈزدى ۋە 32 قېتىم توپ كىرگۈزۈشكە ياردەملەشتى.
ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە قاتناشقان 14 مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزۈپ، ئالتە قېتىم توپ كىرگۈزۈشكە ياردەملەشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى — لا لىگادىكى 12 مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، تۆت قېتىم توپ كىرگۈزۈشكە ياردەملەشتى.
گۈلەر خانلىق مادرىد تارىخىدا ئۆز ئىزىنى قالدۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن گۈلەر پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئىسپانىيەنىڭ بۇ داڭلىق كۇلۇبىدا داۋاملاشتۇرۇشتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىش ئارزۇسىنى تەكىتلىدى.
گۈلەر مۇنداق دېدى: «ئارزۇيۇم — بۇ كوماندا كىيىمىنى ئۇزۇن يىللار كىيىش، بىرلىكتە يېڭى چېمپىيونلۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بىر كۈنى بۇ تەڭداشسىز تارىختا ئۆز ئىزىمنى قالدۇرۇش. خانلىق مادرىدنىڭ كىيىمىنى تۇنجى قېتىم كىيگەندىلا شانلىق تارىخنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىمنى بىلەتتىم. بۈگۈنمۇ ئوخشاش پەخىر ۋە خۇشاللىقنى ھېس قىلىۋاتىمەن، بىراق زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىر».
گۈلەر كۇلۇب رەئىسى فلورېنتىنو پېرېزغا، ئائىلىسىگە، سەپداشلىرىغا، مەشقاۋۇللار قوشۇنىغا، كۇلۇب خىزمەتچىلىرىگە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خانلىق مادرىد مەستانىلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ: «بۇ كۇلۇبنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن يەنىلا ئىنتايىن خۇشالمەن» دېدى.
گۈلەر ھازىرغىچە خانلىق مادرىد سېپىدە ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى كۇلۇبلار دۇنيا لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، لا لىگا ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدىن ئىبارەت جەمئىي بەش چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
ئۇ يەنە تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 38 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى.
گۈلەر سېنتەبىردە 2025–2026-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى بىلەن «يىللىق ئەڭ تېز كۆزگە كۆرۈنگەن پۇتبولچى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.






















