خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ULA تەرىپىدىن ياسالغان راكېتا ئامازون سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرالمىدى
بويىڭ بىلەن لوكخىد مارتىننىڭ بىرلەشمە كارخانىسى ULA تەرىپىدىن ياسالغان راكېتا، فىلورىدادىكى كەيپ كاناۋېرال ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى ئىستانسىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ۋەزىپىسىنى تاماملىيالمىدى.
ULA تەرىپىدىن ياسالغان راكېتا ئامازون سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرالمىدى
ULA تەرىپىدىن ياسالغان راكېتا ئامازون سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرالمىدى / Anadolu Agency (Wire)

ULA تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قويۇپ بېرىلىپ، تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كېيىن راكېتانىڭ ئۇچۇش جەريانىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئامازون (Amazon) غا تەۋە سۈنئىي ھەمراھلارنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. كاشىلىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ۋەقەدىن كېيىن تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش باشلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئۇچۇشىدا قاتتىق يېقىلغۇلۇق يان ئىتتىرگۈچلەر ۋە ئاساسلىق BE-4 موتورلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن راكېتانىڭ ئۇچۇشلىرى توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. بۇ موتورلار ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوسنىڭ ئالەم بوشلۇقى شىركىتى Blue Origin تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئىدى. ئامازون 2025-يىلىدىن بۇيان 14 قېتىملىق قويۇپ بېرىش ئارقىلىق 398 دانە Leo سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇردى. شىركەت تۇنجى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى يىل ئاخىرىغىچە باشلاشنى نىشان قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: COP31 دىكى قەتئىي ئىرادە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ
پاكىستاندا مىنىبۇس دەرياغا قۇلاپ چۈشۈپ كېتىپ، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۇبا مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
CENTCOM: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىدۇ، دېگەن داۋاسى قۇرۇق پەرەز
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى ئاگاھلاندۇرۇش رادارىغا زەربە بەردۇق
مالاتيادا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ھادىسىسىدە تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى: بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز شۈبھىسىزكى ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى