تۈركىيە ۋە باشقا 17 دۆلەت ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ چەكلىمىسىز يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، تۈركىيە، ئالجىرىيە، جىبۇتى، مىسىر، ھىندونېزىيە، ئىيوردانىيە، كۇۋەيت، لىۋان، لىۋىيە، ماۋرىتانىيە، ئومان، پاكىستان، پەلەستىن، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سومالى، سۇدان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى (BAE) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ھۇجۇمنىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە سەھىيە خادىملىرىنى ئالاھىدە قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلار يەنە، ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەر تۇرۇۋاتقان چېدىرلار ۋە باشقا پاناھلىنىش جايلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، پەلەستىنلىك پۇقرالارغا قارىتا داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە غەززەدە خەۋپسىزلىك بىلەن مۇقىملىقنى قايتا ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىلانىغا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مىنىستىرلار، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، پاناھلىنىش ماتېرىياللىرى ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشكە قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چەكلىمىلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، قىش يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ غەززەدىكى شارائىتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
باياناتتا يەنە، پاناھلىنىش جايلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە سۇ، تازىلىق ھەمدە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ، بولۇپمۇ بالىلار ۋە بوۋاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنى قاتتىق سوغۇققا دۇچار قىلىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈم خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىپادىلەندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشى
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ چاقىرىقلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشى ھەمدە شەرم ئەل-شەيخ كېلىشىمى، تىرامپنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىلانى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2803 (2025)-نومۇرلۇق قارارى دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى دەرھال ئادا قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.
مىنىستىرلار ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا، پۇقرالار ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشقا شۇنداقلا پاناھلىنىش ماتېرىياللىرى، دەسلەپكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماتېرىياللىرى ۋە ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يېتەرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ بىخەتەر، ئۈزلۈكسىز ۋە توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. شۇنداقلا، ب د ت ئورگانلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش چاقىرىقى قىلىندى.
بىرىنچى باسقۇچ دائىرىسىدىكى ۋەدىلەرنىڭ ئىمزالانغان ھامان كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئېرىشىشنى چەكلەيدىغان قوشۇمچە سىياسىي ياكى بىخەتەرلىك شەرتلىرى بولماستىن كېچىكتۈرمەي ئىجرا قىلىنىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنىڭ پىلاننىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەرگە باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىمۇ تەكىتلەندى.
مىنىستىرلار، ئامېرىكا ۋە تىنچلىق كېڭىشىنى ئۆز روللىرى دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا ۋە غەززەگە كىرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە قارىتىلغان بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى ھەمدە كېلىشىملەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنىڭ بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇستەھكەملەش، پىلاننىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە پەلەستىن خەلقى تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى كېڭەيتىش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.






















