JD ۋېنس ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئۇزارتىش يۆنىلىشىدىكى چاقىرىقلارغا قارشى چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بىر «تۈگىمەس ئۇرۇش» تىن ساقلىنىش مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋېنس Fox News قانىلىغا بەرگەن زىيارىتىدە، ئۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرىسىدا تىرامپ بىلەن ئارىسىدا ھېچقانداق پىكىر ئىختىلاپى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، تىرامپنىڭ توقۇنۇشنى ئۇزۇن يىللارغا سوزۇشنىڭ ئورنىغا ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ۋېنس: «پەرىزىم شۇكى، پىرېزىدېنت ئاخىرىدا قانداق قارار چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى خالايدىغان ۋە ئۇرۇشنىڭ چەكسىز داۋاملىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەر بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى توغرىسىدا ناھايىتى ئىشەنچىم كامىل بولغان بىر نەرسە بار. بۇ مەسىلىدە ئارىمىزدا ھېچقانداق پىكىر ئىختىلاپى يوق. ئاخىرىدا نېمە قىلىشقا، توقۇنۇشنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارار قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭ تۈگىمەس بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىشىغا يول قويمايدۇ» دېدى.
ۋېنسنىڭ باياناتلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇرۇشنىڭ چىقىمى ۋە مۇددىتىگە ئالاقىدار مۇنازىرىلەر كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ۋېنس: «بۇنىڭ 10 ياكى 15 يىللىق، ھەتتا ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ئىككى يىللىق بىر ھەربىي ئارىلىشىشقا ئايلىنىپ قېلىشىغىمۇ يول قويمايمىز» دېدى. بەزى تەنقىدچىلەر ۋە تاشقى سىياسەت چەمبىرىكىدىكىلەرنى ئامېرىكانىڭ توقۇنۇشقا چەكسىز ئارىلىشىشىنى خالاش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋېنس، ھۆكۈمەتنىڭ سايلىغۇچىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تاشقى ئۇرۇشلاردىن ساقلىنىش ۋەدىسى بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ: «نۇرغۇنلىغان يېڭى مۇھاپىزىكارلار ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىشىمىزنى خالىسىمۇ، بىز مەڭگۈ قالمايمىز. بۇنداق قىلمايدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بەردۇق» دەپ سۆز قىلدى. مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋېنس يەنە تىرامپنىڭ ئۇرۇشنى ئامېرىكا خەلقى نۇقتىسىدىن «ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەر بىلەن» ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«تىرامپقا قارىتىلغان تەنقىدلەرگە قارشى قالقان بولۇشتىن خۇرسەن بولىمەن»
ۋېنس زىيارەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئىران ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى ۋە توقۇنۇشنىڭ 2026-يىللىق ئارىلىق سايلاملاردىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۈچۈن كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. تىرامپ بىلەن ئۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپى بار-يوقلۇقى سورالغان ۋېنس، بۇ دەۋانى رەت قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق كېلىشمەسلىك يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىراق ۋېنس، ئۇرۇشنىڭ بولۇپمۇ بېنزىن ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن سىياسىي بىر بەدىلى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ: «سىياسىي جەھەتتىن شۇنداق. پىرېزىدېنتنىڭ ئۆزىمۇ بۇنى ئوچۇق تىلغا ئالدى. بۇنىڭ سىياسىي بىر بەدىلى بولدى. ئۆسكەن بېنزىن باھاسى، يۇقىرىلىغان ئېنېرگىيە باھاسى» دېدى.
JD ۋېنس ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك بىر چۈشىنىش خاتىرىسى سەۋەبىدىن ئۆزىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرگىمۇ قارشى چىقىپ، بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ تىرامپنى بىۋاسىتە نىشان قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى تاللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتىغا قارىتىلغان تەنقىدلەر ئالدىدا بىر قالقان رولىنى ئويناشتىن خۇرسەن بولىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.























