ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە ئاساسلانغاندا جىھانشاھى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىك ھەققىدە سۆز قىلغان.
2025-يىلى ئىيۇندىكى ئۇرۇشتىن چىقارغان تەجرىبىلىرى بىلەن «ئىنتايىن ياخشى تەدبىرلەر» نى ئالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن جىھانشاھى، مەشغۇلات (ئوپېراتسىيە) پىلانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئەتراپلىق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ۋە قانال، تونېل ھەم مۇداپىئە ئاكوپلىرىنى بەرپا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكانىڭ 2026-يىلى فېۋرالدا باشلىغان ھۇجۇملىرىدىن بۇرۇن قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ مەشغۇلات جەھەتتىن تەييار ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن جىھانشاھى، ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ھەرىكەتچان، ئارىلاش ۋە مېخانىك توسالغۇلارنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە توپچى قىسىم، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ئاۋىياتسىيە ئاپپاراتلىرى قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دىن ئارتۇق ئۇرۇش ۋە ياردەمچى قىسمىنىڭ دۆلەت چېگرالىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر قىسىملارنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىي غەرب، غەرب، جەنۇبىي غەرب، شەرق ۋە جەنۇبىي شەرق تەرەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن جىھانشاھى، بۇ مەزگىلدە ئېغىر ھەربىي ئاپپاراتلار ئىشلىتىلىپ كۆپ مىقداردا ئوق-دورا ۋە ئەسۋابلارنىڭ يۆتكەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
جىھانشاھى: «بۇ تەدبىرلەر توسۇش كۈچى (جەڭگىۋارلىق) پەيدا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى ۋە دۈشمەننىڭ دۆلەت چېگرالىرىغا كىرىشكە پېتىنالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېدى ھەمدە قىسىملارنىڭ ئېھتىماللىقى بولغان بھەرقانداق ئەھۋالغا قارشى ھازىرمۇ چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.




















