The Wall Street Journal دا سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياردەمچىلىرىگە ئىرانغا قارىتىلغان كېڭەيتىلگەن قامال ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەن.
خەۋەردە ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ترامپنىڭ يېقىنقى يىغىنلاردا پاراخوت قاتنىشىنى توسۇش ئارقىلىق ئىران ئىقتىسادى ۋە نېفىت ئېكسپورتىنى قىسىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىغانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە بىلدۈرىلىشىچە، ئەمەلدارلار ترامپنىڭ باشقا تاللاشلىرىنىڭ ، (يەنى بومباردىماننى قايتا باشلاش ياكى توقۇنۇشتىن چېكىنىپ چىقىشنىڭ) قامالنى داۋاملاشتۇرۇشتىن تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، تېھران كۆپىنچىسى قولتۇق ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق رايوندىكى ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.
8-ئاپرېلدا پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى. ئارقىدىن 11-12-ئاپرېل كۈنلىرى ئىسلامئابادتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، سۆھبەتتە بىرەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى.
ترامپ كېيىنچە پاكىستاننىڭ تەلىپى بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تېھراندىن بىر تەكلىپ كەلگۈچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، تېھراننىڭ «ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئېچىشنى مەقسەت قىلغان ۋە يادرو پىلانىغا ئائىت سوئاللارنى كېيىنكى سۆھبەتلەرگە قالدۇرغان» ئەڭ ئاخىرقى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.







