غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى
مەركىزىي سايلام كومىتېتى، غەززەنىڭ مەركىزىدىكى دەير ئەلبەلاھ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 17:00 ئەتراپىدا %40.62 كە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى / Reuters

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق مىقياسىدا يەرلىك كېڭەش ۋەكىللىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلانغان بولۇپ، بارلىق بېلەت تاشلاش مەركەزلىرىدىكى بېلەت ساندۇقلىرى شەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 19:00 دا تاقالدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) مۇخبىرى بېلەت ساناشنىڭ بېلەت ساندۇقلىرى تاقالغاندىن كېيىن دەرھال باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەستىن مەركىزىي سايلام كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، بارلىق بېلەت تاشلاش مەركەزلىرىنىڭ ۋاقتىدا تاقالغانلىقىنى، پەقەت بېلەت تاشلاش مەركەزلىرىنىڭ ئىچىدە قالغان سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

كومىتېت غەززەنىڭ مەركىزىدىكى دەير ئەلبەلاھ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 17:00 ئەتراپىدا %40.62 كە يەتكەنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

كومىتېتنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دەير ئەلبەلاھتىكى بېلەت تاشلاش مەركەزلىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 18:00 دا بۇرۇنراق تاقالغان ئىدى.

شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلەردە، تەخمىنەن 1 مىليون 30 مىڭ سايلىغۇچىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن 491 بېلەت تاشلاش مەركىزى ۋە 1922 بېلەت ساندۇقى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 07:00 دە ئېچىلغان ئىدى. سايلىغۇچىلار 183 يەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكى ئۈچۈن ۋەكىللىرىنى سايلىدى.

سايلامدا، دەير ئەلبەلاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3773 نامزات رىقابەتلىشىۋاتقان بولۇپ، 90 شەھەرلىك كېڭەش بىلەن 1358 نامزات رىقابەتلىشىدىغان 93 يېزا كېڭىشىمۇ ئورۇن ئالدى.

ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن غەززەنىڭ باشقا رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئازراق زىيانغا ئۇچرىغان دەير ئەلبەلاھتا 22 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلدى ۋە شەھەر ئاھالىلىرى بېلەت تاشلىدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان ۋە 72 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلگەن، 172 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلىنىپ، غەززەنىڭ ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تەخمىنەن %90 ى كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىلغان ئىككى يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىنغان ئىدى.

سايلاملار 2007-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەلەستىن ئىچكى سىياسىي پارچىلىنىش مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قانۇن چىقىرىش ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت جەھەتتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى نامايان قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Gaza’s Deir Al Balah holds first vote in 22 years as Hamas hails step towards wider elections
ئىزدىنىڭ
گېرمانىيە رۇسىيەنى توسۇش ئۈچۈن 2039-يىلىغىچە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىنى قۇرۇشنى نىشانلىماقتا
قاتناش مىنىستىرى: «تۈركىيەدە ئايروپىلان يېقىلغۇسى قىسلىقى يوق»
تۈركىيە دۇنياۋى پارچىلىنىشلارغا قارشى سودا كارىدورلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە
ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار 34 ماي توشۇش پاراخوتى ئامېرىكا قامىلىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى
ئىران ئەتراپىدا بىرقانچە سائەت ئىچىدە ئىككى يۈك پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
«ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈگەتتى»
ئامېرىكا ئىراننىڭ سودا ئىشلىرىغا قولايلىق ياراتقۇچىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سالدى
ئاق ساراي ۋانسنىڭ پاكىستان زىيارىتىنىڭ ھازىرچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ب د ت دىن ئامېرىكانىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى، قولتۇق دۆلەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
ب د ت ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتىشنى «جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ باھالىدى
فىلىپپىندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى يۈزلەرچە ئۆينى ۋەيران قىلدى، نۇرغۇن كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە كۆپ دۆلەتلىك ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ
ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى «ئەخلاقىي بىئاراملىق» ھېس قىلماقتا
پەلەستىنلىك پوپ غەززە ۋە لىۋاندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە مەركەزلىشىشكە چاقىردى
بېلگىيە ئىسرائىلىيەگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى