ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىلىرى، تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى چارشەنبىدە، ھېيت نامىزىنى ئوقۇشقا كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن لىق تولدى.
مۇسۇلمانلار بۇ قۇتلۇق كۈندە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ پىداكارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ، قۇربانلىق گۆشلىرى جەمئىيەتتىكى نامراتلارغا تارقىتىلىدۇ.
بۇ يىل 2025-يىلى ئۆكتەبىردىن بىرى كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە مۇسۇلمانلار كالىندارىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايراملىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيت توغرا كەلدى.
ھېيت ئالدىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ جەنۇبىدا پەلەستىن يېزا-بازارلىرىغا بېسىپ كىرىپ، دۇكاندارلارنى خىزمەت ئورۇنلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلىغان ۋە رايون ئاھالىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇر، شاھىتلار تەرىپىدىن شۇنداقلا پەلەستىن دۆلەتلىك تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن ئىدى.
پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى تارقاتقاندىن كېيىن، بازار مەركەزلىرى ھېيتلىق تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن توشۇپ، سودا-سېتىق ئەڭ قىزىغان سائەتلەردە بۇ بېسىپ كىرىش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.
ئاساسلىق بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى، ئەلخەلىلنىڭ جەنۇبىدىكى دۇرا بازىرىغا مەركەزلەشتى. شاھىتلار ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا، ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئادەم ئىنتايىن زىچ بولغان ب بىر پەيتتە بازار مەركىزىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنى، ئەسكەرلەرنىڭ كوچىلارغا تارقىلىپ، كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش گاز بومبىلىرى ئاتقانلىقىنى ۋە دۇكاندارلارنى دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەدە باشلىغان قىرغىنچىلىقىدىن بىرى، ئىشغالىيەت ئاسىتىدىكى قىرغاقتا ئۆلتۈرۈش، نازارەتكە ئېلىش، شەھەر ۋە بازارلارغا بېسىپ كىرىش، ئۆيلەرنى تەكشۈرۈش ۋە مال-مۈلۈكلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇجۇملىرىنى ئاشۇرغان بىر مەزگىلدە بۇ ھۇجۇملارمۇ يۈز بەردى.


















