تۈركىيە مۇداپىئە ئەمەلدارى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن چىقارغۇچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنىڭ «ئىجابىي ۋە ئۈنۈملۈك» كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە F-35 ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىشىگە قارىتا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار جۈمە (2026-يىلى 17-ئىيۇل) كۈنى ۋاشىنگتون زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە تاراتقۇلىرىغا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قوراللىق قىسىملار كومىتېتى، ئاخبارات كومىتېتى ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى ۋە ئامېرىكانىڭ ناتو پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاكارنىڭ ئېيتىشىچە، سۆھبەتتە مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئاساسلىق تېما بولغان بولۇپ، مۇزاكىرەلەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە مەركەزلەشكەن.
تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاكار: «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇچرىشىشلار ئىنتايىن ئىجابىي، ئۈنۈملۈك ۋە ئىجادىي كەيپىياتتا بولدى» دېدى.
ئاكارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ناتو پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مايك تۇرنېر ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مۇخبىرلارغا تۈركىيەنىڭ F-35 پىروگراممىسىغا قايتا قوشۇلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاكار مايك تۇرنېرنىڭ باياناتىنى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ دېگەن.
تۇرنېر 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ F-35 پىروگراممىسىغا قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى مۇنازىرەلەرنى «ئىنتايىن ئۈمىدلىك سىگناللار» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەگە F-35 ئايروپىلانلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە «ئىجابىي پوزىتسىيە» دە بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەگە قاراتقان جازالىرىنىڭ زور دەرىجىدە بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump fumes over Netanyahu's criticism of proposed F-35 sale to Türkiye: report
دوستلۇقنى كۈچەيتىش
ھۇلۇسى ئاكارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكا تەرەپكە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە مۇھىم» ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەنقەرەنىڭ قوشنا دۆلەت ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ: «بىزنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىمىز تېررورلۇقنى مەنبەسىدىن يوقىتىش، شۇنداق قىلغاندا ئۇ تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ» دېدى.
ئۇ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ پەقەت ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ناتونىڭ توسۇش كۈچى، كوللېكتىپ مۇداپىئە ۋە تېخىمۇ كەڭ بولغان ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ: «ئۈمىدىمىز شۇكى، بۇ ئالاقىلەر تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى ۋە مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئىككى دۆلەتكە، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
S-400 مۇداپىئە سىستېمىسى
ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا جازاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن رۇسىيەدە ئىشلەنگەن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە (UAE) ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى سورالغاندا، بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇخبىرغا: «بىز S-400 لەر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ دېمىدۇق» دېدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملشتۇردى: «بىز ئۇلار بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدۇق ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇنى بالدۇرراق توغرا يولغا قويۇش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە ئارىمىزدىكى سۈركىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتۇق.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ توغرىدا «ئىجابىي ئۇچۇرلار» نى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە S-400 مەسىلىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ: «ئاخىرىدا، S-400 مەسىلىسى ئۇنداق ياكى بۇنداق ھەل بولىدۇ. بىز بۇ جەھەتتە بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى مۆلچەرلەۋاتىمىز، ئۈمىد قىلىمىز ۋە كۈتىمىز، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى... نېمىلا بولمىسۇن، S-400 سىستېمىسى F-35 پىروگراممىسىنىڭ توختىتىلىشىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن؛ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، F-35 پىروگراممىسى تەبىئىي ھالدا ئەسلىگە كېلىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye 'closer' to resolving F-35, CAATSA issues with US: deputy FM
















