خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ياۋروپا مىقىياسىدا تەسىرى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىقلار، دېڭىز سۈيى تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، ئىنسان سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان «ۋىبرىئو» (Vibrio) باكتېرىيەسىنىڭ نورمالدىكىدىن تېخىمۇ بالدۇر تارقىلىشىغا يول ئاچتى.
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى

ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىتىپ دېڭىز سۈيى تېمپېراتۇرىسى ۋە تۇز نىسبىتىگە ئاساسەن بىر خەۋپ خەرىتىسى تەييارلىدى.

ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلار، نورمال شارائىتتا يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۆپىيىشى كېرەك بولغان باكتېرىيە قويۇقلۇقىنىڭ، بۇ يىل پەسىل نورماللىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئىسسىقلار سەۋەبىدىن تولىمۇ بالدۇر كۆپىيىشنى باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

باكتېرىيە تاتلىق سۇ بىلەن تۇزلۇق سۇ ئارىلاش دەريا ئېغىزلىرىدا ۋە تۇز نىسبىتى تۆۋەن، تىنچ قىرغاقلاردا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆسىشى بىلەن تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ يۇقىرى تۇز نىسبىتىنىڭ بۇ باكتېرىيە ئۈچۈن ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق بىر مۇھىت يارىتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما قويۇق يامغۇرلاردىن كېيىن دەريالاردىن دېڭىزغا ئارىلىشىدىغان تاتلىق سۇلار بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىۋەتەلەيدىكەن.

خەۋپ خەرىتىسىدە بۇلغارىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇمىنىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىرغاق رايونلىرى تەرەپكە دىققەتكەر مەرۆەزلەشتۈرۈلدى، ئۆتكەن كۈنلەردە بىر قىسىم ئىسپانىيە ساھىللىرىنىڭ بۇ خەتەر تۈپەيلى ۋاقىتلىق تاقالغانلىقى مەلۇم.

سالامەتلىكى ياخشى كىشىلەر ئۈچۈن ئېغىر كېسەللىك خەۋپى تۆۋەن بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر مۇئەييەن توپلارنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنىڭ تەكىتلىمەكتە.

تېنىدە ئوچۇق يارا، كېسىلگەن جاي، يېڭى قىلىنغان چەكىمە (تاتۇ) ياكى ئوپېراتسىيە ئىزى بولغان كىشىلەرنىڭ، قوغدىنىشسىز بىر شەكىلدە ئىسسىق دېڭىز سۇلىرىغا كىرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا جىگەر كېسىلى، شىكەر كېسىلى (دىئابېت) ياكى ئاجىز ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭمۇ يۇقۇملىنىشقا قارشى ئوچۇق نىشانغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكى بىلدرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تەقدىرىنى پەقەت تېھراننىڭلا بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ باھا بەردى
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى
«ئاي يۇلتۇز» باش ئىشتابى دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۈچۈن ئاچتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: مۇداپىئە نىشانلىرىمىزغا پىلاندىن بەش يىل بۇرۇن يېتىمىز
ترامپ: بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى سىنىماقچى ئىدىم
ناتو رەھبەرلىرى بۈگۈن شىمالىي قۇتۇپ رايونى، ئىران ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
مىچوتاكىس ئەنقەرەدە «ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىگنالى بەردى
ماگيار: ۋېنگىرىيە ئۇكرائىناغا قورال ياكى ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى