خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ، سۈرىيەنىڭ قۇنەيتىرە رايونىدا بىر تەكشۈرۈش پونكىتى قۇردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت بىۋاسىتە بىر تەھدىت شەكىللەندۈرمىگەن تۇرۇقلۇق، سۈرىيەدىكى بەزى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنى ۋە ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شەنبە كۈنى، سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قۇنەيتىرە ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەل-سامدانىيە يېزىسى ئەتراپىغا بېسىپ كىردى ۋە كوچىدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش پونكىتى قۇردى.

سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى (SANA) نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئۈچ ھەربىي ئاپتوموبىلدىن تەركىب تاپقان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى رايوندىن چېكىنىشتىن ئىلگىرى، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى ئاقتۇرۇپ تەكشۈرگەن.

SANA نىڭ خەۋىرىدە قوشۇمچە قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېرىم كېچىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر ۋەقەدە، 15 تىن ئارتۇق ھەربىي ئاپتوموبىلدىن تەركىب تاپقان ئىسرائىلىيە قوشۇنى، قۇنەيتىرەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەل-ئەشھا يېزىسىغا تاجاۋۇز قىلغان، بىر ئۆينى ۋە بىر چارۋا يەم-خەشەك ئامبىرىنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرگەندىن كېيىن رايوندىن چىقىپ كەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ ھۇجۇملارغا مۇناسىۋەتلىك ھازىرچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىسرائىلىيە 2024-يىلى 8-دېكابىردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، سۈرىيە بىلەن 1974-يىلى ئىمزالانغان چېكىنىش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى بۇففېر (ئارىلىق) رايونىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى. سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بولسا كېلىشىمگە سادىق ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئىسرائىلىيە، سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە بىر تەھدىت ئېلىپ كەلمىگەن تۇرۇقلۇق، سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى شۇنداقلا ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel raids Syria's Quneitra in fresh cross-border incursion
ئىزدىنىڭ
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تەقدىرىنى پەقەت تېھراننىڭلا بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ باھا بەردى
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى
«ئاي يۇلتۇز» باش ئىشتابى دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۈچۈن ئاچتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: مۇداپىئە نىشانلىرىمىزغا پىلاندىن بەش يىل بۇرۇن يېتىمىز
ترامپ: بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى سىنىماقچى ئىدىم
ناتو رەھبەرلىرى بۈگۈن شىمالىي قۇتۇپ رايونى، ئىران ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
مىچوتاكىس ئەنقەرەدە «ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىگنالى بەردى
ماگيار: ۋېنگىرىيە ئۇكرائىناغا قورال ياكى ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى