لۇلا دا سىلۋا «ئۇزۇن مەزگىل دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلغان ئامېرىكاغا ئوخشاش مۇھىم بىر دۆلەت ئەمدىلىكتە ئۆزى بىر قاراقچىغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن باج ئېلىشقا ئوخشاش بىر ھوقۇقى يوق. ھورمۇز بوغۇزىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئامېرىكاغا تەۋە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا 28-فېۋرالدا قىلغان ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن لۇلا دا سىلۋا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاپەتلەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
لۇلا دا سىلۋا يېقىن شەرقتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇرۇشنىڭ بەدىلى داستىخانلاردا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. نېفىت باھاسى ئۆسكەنسېرى پۇرچاق، گۈرۈچ، پەمىدۇر ۋە پىيازنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەۋاتىدۇ» دېدى.
ئەسلىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدا ئىرانغا قارىتىلغان دېڭىز قامىلىنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رايوندىكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش چىقىمىنى تىلغا ئالغان شۇنداقلا «دۇنيانىڭ ئىنتايىن مۇقىمسىز بولغان بۇ رايونىدا بىخەتەرلىك بىلەن ئامانلىقنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق چىقىملار دائىرىسىدە بوغۇزدىن ئۆتىدىغان بارلىق يۈكلەردىن يۈزدە 20 نىسبىتىدە ئۆتۈش ھەققى ئېلىنىدۇ» دېگەنىدى.


















