ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، پارىس قولتۇقىدا ئامېرىكاغا تەۋە بىر MQ-9 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا قارشى ئۆچ ئېلىش ئاگاھلاندۇرۇشى بەردى. ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى بولسا رايوننىڭ ئەمدى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى ئۈچۈن قالقان بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ بىر MQ-9 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر RQ-4 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن بىر F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىران ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىران رەسمىي دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركۇز ھاۋا ئاپپاراتلىرى پارس قولتۇقى رايونى ئارقىلىق ئىران ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن.
ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى يەنە «تاجاۋۇزچى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ھەر قانداق شەكىلدە خىلاپلىق قىلىشىغا جاۋاب قايتۇرۇش» ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، سەيشەنبە كۈنى بۇرئەتىگەن تەرەپتە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزى يېقىنىدىكى لاراك ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا ئىران پاراخوتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ۋە «نۇرغۇن ئىران پۇقراسى» نىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ دەۋالار مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللىنەلمىدى.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان ۋە ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىشى بىلەن داۋاملاشقان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسىتىدە پاكىستان رەھبەرلىكىدىكى ۋاسىتىچىلىك تىرىشچانلىقلىرى جەريانىدا بۇ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
ئۇرۇش توختىتىش 8-ئاپرېلدا كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، كېيىنچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن مۇددەتسىز ئۇزارتىلغان ئىدى.
ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى، رايوننىڭ ئەمدى ئامېرىكا بازىلىرى ئۈچۈن قالقان بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى مۇجتەبا خامەنېي سەيشەنبە كۈنى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئەمدى ئامېرىكا بازىلىرى ئۈچۈن قالقان بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خامەنېي مارت ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بىرى ئاممىنىڭ ئالدىغا چىقمىغان بولۇپ، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «بۇ مەسىلىدە ئېنىق بولغىنى شۇدۇر: زامان چاقى ئارقىغا ئايلانمايدۇ، رايوننىڭ خەلقلىرى ۋە تۇپراقلىرى ئەمدى ئامېرىكا بازىلىرى ئۈچۈن قالقان ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
خامەنېي، ئامېرىكانىڭ «تاجاۋۇزچىلىق ۋە ھەربىي بازا قۇرۇش مەقسىتىدە رايوندا ئەمدى بىخەتەر بىر پاناھگاھقا ئىگە ئەمەسلىكىنى» ۋە «كۈن ئۆتكەنسىرى كونا سالاھىيىتىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تېھران بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كېلىشىمگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلىرىدە نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى، لېكىن رەسمىي كېلىشىمنىڭ تېخى ئۇنچە يېقىن ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىدارىسى (CENTCOM) بولسا دۈشەنبە كۈنى، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا نۇقتىلىرى بىلەن مىنا ياتقۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كېمىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.


















