جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە ئەسىرى» نى بەرپا قىلىش جەريانىدا، مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرىمىزدىن ئوزۇقلانغان بىر ھېكايىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر ئەقىلنى ۋە كېلەچەك ئىستىقبالنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان كۈچلۈك تەسەۋۋۇرنىمۇ روياپقا چىقىرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئەردوغان: «خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيەنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تونۇماقتا» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئۇچۇر-ئالاقە كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئەردوغان تۈرك كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، تارىخىنى ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىنى ئېكرانلارغا ئېلىپ كىرىدىغان فىلىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور قىزىقىش بىلەن كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئەمدىلىكتە خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيەنى پەقەت باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغان تېكىستلەردىن ياكى پۈتۈنلەي قارىلاش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن كىنو فىلىملىرىدىنلا ئەمەس؛ بەلكى ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ۋە ھەقىقىي رېئاللىقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان فىلىملەردىن، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن، ھۆججەتلىك فىلىملەردىن، رەقەملىك سۇپىلاردىن ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن تونۇماقتا. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى دۇنياغا يەتكۈزىدىغان، بىزنى تونۇشتۇرىدىغان ناھايىتى قىممەتلىك بىر نەتىجىدۇر. بىزنىڭ بۇ نەتىجىنى تېخىمۇ زورايتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.
<تۈركىيە ئەسىرى> نى بەرپا قىلىش جەريانىدا، مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرىمىزدىن ئوزۇقلانغان بىر ھېكايىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر ئەقىلنى ۋە كېلەچەك ئىستىقبالنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان كۈچلۈك تەسەۋۋۇرنىمۇ روياپقا چىقىرىۋاتىمىز. سىلەرنىڭ تۆھپىلىرىڭلار بىلەن بۇ تەسەۋۋۇرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىمىزغا، كۈنسېرى گۈللىنىۋاتقان ۋە كۈچىيىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ئاڭلىتىدىغانلىقىمىزغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن.»



















