خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردۇنىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىران ھۇجۇملىرىدا ئىشلەتكەن ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق بازىلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنىي ئۆچ ئېلىش نىشانى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردۇنىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردۇنىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى

ئىران ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە بەھرەيىن، ئىيوردۇنىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىمۇ جۈمە كۈنى بەھرەيىندىكى ئەمازونغا ئائىت بىر ئۇچۇر مەركىزىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما نە ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى نە بەھرەيىن ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكامۇ ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ ياكى خادىملىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرمىدى.

ئىران ئارمىيەسى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا: «ئەتىگەندە بەھرەيىندىكى ئىسا ھاۋا بازىسىدا ئامېرىكا تېررور ئارمىيەسىگە ئائىت يېقىلغۇ ئامبارلىرى، چوڭ جابدۇق ئامبارلىرى، سىلو ۋە كېسەلخانىلار ئاراش كامىكادزە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرى بىلەن نىشانغا ئېلىندى» دېدى.

بەھرەيىندە تۇرۇۋاتقان بىر AFP مۇخبىرى جۈمە كۈنى پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنىڭ چېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەمما ئىككى ۋەقە ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار-يوقلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

بەھرەيىن ھۆكۈمىتى كېيىنچە «دىن كەلگەن بىر قىسىم ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ» ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ۋە ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بەھرەيىن دائىرىلىرى تېھراننى پۇقرالارنى نىشانغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىران ئارمىيەسى ئىيوردانىيەدىكى ئەل-ئەزراق بازىسىدا ئايروپىلان ئىسكىلاتلىرى، رېمونت ئىسكىلاتلىرى ۋە بىر ئەسكەرلەر تۇشلۇق  بىناغا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار بىلەن زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىيوردانىيە ئارمىيەسى بولسا ئىراننىڭ جۈمە كۈنى ئاتقان يەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە ئالتە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى، ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلمىگەنلىكىنى ياكى ماددى زىيان مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىران ئارمىيەسى يەنە كۇۋەيتتىكى كامپ ئودايرىدا  تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئامبارلىرى بىلەن كامپ دوھا ۋە كامپ ئارىفجاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان مەيدانلارغا ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى، كۇۋەيتتىكى ئالى ئەس-سالىم ھاۋا بازىسىغىمۇ ھۇجۇمن قىلغانلىقىنى، بىر ئوق-دورا ئامبىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا خادىملىرى ئارىسىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشقا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىران ئارمىيەسى يەنە كامپ ئودايرىدىكى جابدۇق ساقلاش ئىسكىلاتلىرى بىلەن بەھرەيىندىكى ئامېرىكا بەشىنچى فلوتىغا ئائىت بىر كۆزىتىش مۇنارىنىپاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېھران ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرگەن ھەر بىر ئورۇن ياكى بازىنىڭ قانۇنىي ئۆچ ئېلىش نىشانى بىلدۈرمەكتە.

ئىران خاتەمۇل ئەنبىيا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانى ئەلى ئابدۇللاھىمۇ جۈمە كۈنى رايوندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تەھدىت سېلىپ: «سىلەر ئۈچۈن جەھەننەمگە ھەقسىز، بىر تەرەپلىك بېلەتلەرنى تەييارلىدۇق» دېدى.

ئابدۇللاھى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدىكى سۆزىدە: «ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ شېھىت قىلىنغان ھەر بىر شەرەپلىك پۇقراسى ئۈچۈن بىر ئامېرىكا ئەسكىرى جەھەننەمگە ئەۋەتىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.  

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel signals possible attacks on Iran as Trump threatens Tehran and war spreads to Red Sea
ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى