ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرى يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ ئېلى ئولتۇراق رايونىنىڭ كۆلىمىنى ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۈچ ھەسسە چوڭايتىشى كۈتۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرى بەزالەل ئېسموترىچ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا قاراشلىق نابۇلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى ئېلى (Eli) ئولتۇراق رايونىدا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ رايون قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ «Channel 14» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېسموترىچ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق مەيدانلىرى ۋە تۇرالغۇ ئورۇنلىرىنى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېسموترىچ تۇرالغۇلارنىڭ بېسىۋېلىنغان غەربىي قىرغاقدىكى بىنيامىن رايونلۇق كېڭەش چېگراسى ئىچىدە ئورۇن ئالغان قانۇنسىز ئېلى ئولتۇراق رايونىدا قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈچ ھەسسە كېڭىيىش
«Channel 14» قانىلى پىلانلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن قانۇنسىز ئولتۇراق رايونىنىڭ كۆلىمىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۈچ ھەسسە چوڭېيىدىغانلىقى ۋە مىڭلارچە يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
پەلەستىن دائىرىلىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىرغاق مىقياسىدا 141 قانۇنسىز ئولتۇراق رايونى ۋە 224 كۆچۈش ئورنىدا تەخمىنەن 750 مىڭ قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن ياشايدىكەن.
پەلەستىن تام ۋە ئولتۇراق رايونلارغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ 2026-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پەلەستىنلىكلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۈلۈكلىرىگە قارىتا 3 مىڭ 488 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
كومىتېت، ھۇجۇملاردا 17 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پەلەستىنلىك مەسئۇللار قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە كۆچمەنلەر ھۇجۇملىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى رەسمىي ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارنامىلىرىدا كۆزدە تۇتۇلغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى ئىمكانىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇرماقتا.


















