رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سلوۋيانسىك شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئاز دېگەندىمۇ 15 كىشى يارىلاندى.
لېتونىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا سلوۋيانسىكتىكى پەخىرى كونسۇلخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە ئىككى خادىمنىڭ يارالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۇمىدىكى پوچتاخانا ۋەيران قىلىندى
ئۇكرائىنانىڭ شىمالىدىكى سۇمى شەھىرىدە ئىتپاق كۈنى بىر پوچتا ئورنىغا قىلىنغان رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ئۆلدى.
سۇمى ھەربىي مەسئۇلى سەرگىي كرىۋوشېيېنكو، رېئاكتىپ موتورلۇق بىر ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتنىڭ پوچتاخانىغا زەربە بەرگگنلىكىىنى ئەسكەرتىپ، ئۆلگەنلەردىن بىرىنىڭ 49 ياشلىق بىر ئەر ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمەتلىرى داۋاملاىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى زاپورىژياغا قىلىنغان يەنە باشقا بىر ھۇجۇمدا بولسا بىر كىشى يارىلاندى.
بۇچادىكى ھۇجۇغا ئالاقىدار سەل قاراش تەكشۈرۈشى
رۇسىيە، جۈمە كۈنى كىيېۋ رايونىنىڭ بۇچا ناھىيەسىدە مۇداپىئە سانائىتى ۋەكىللىرى قاتناشقان بىر پائالىيەتكە باللىستىكباشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، تەخمىنەن 100 گە يېقىن كىشى يارالانغان ئىدى.
ئۇكرائىنا تەپتىشلىرى، پائالىيەتنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋە ئاھالىلەر رايونى يېقىنىدا ئۆتكۈزۈلۈشىدە پەرۋاسىزلىقنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلىغان ئىدى.
موسكۋا دائىرىلىرى رۇسىيە زېمىنىغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار ساقلانغان بىر ئورۇننى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



















