مىنىستىر خاقان فىدان يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، كۇۋەيت ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلىشى، غەززە ۋەزىيىتى، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار شۇنداقلا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 31-ئىيۇل سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرھان بىلەن تېلېفونلىشىپ، «رايوندىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت» ۋە «داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار» ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
ئۇ 1-ئاۋغۇست ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەنمۇ تېلېفونلىشىپ، نۆۋەتتىكى سۆھبەت مۇساپىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. شۇنداقلا: «تۈركىيە رايونىمىزدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
3-ئاۋغۇستتا، خاقان فىدان كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەرراھ جابىر ئەلئەھمەد ئەسساباھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايوندىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشتى.
شۇ كۈنى ئۇ يەنە شىمالىي ماكېدونىيە تۈرك دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ باش رەئىسى زۇلفىقار زەينۇللا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ دۆلەت مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە يېڭى خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، مىنىستىر خاقان فىدان شۇ كۈنى ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېد مىلىباند بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى. ئۇ مەنسەپدىشىنى يېڭى ۋەزىپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇردى.
دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە، خاقان فىدان يەنە نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.















