يۈسۈپ ئۆزقىر - TRT World
بالىلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قوغداش ئەمدى پەقەت ئائىلىلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرنىڭمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپ ماددىسىغا ئايلاندى. تۈركىيە 23-ئاپرېلدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن يېڭى بىر قانۇن ئارقىلىق 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ھېسابات ئېچىشىنى چەكلىدى.
خۇش، بۇ قەدەم زادى قانچىلىك يېڭى؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ھېچقانداق يېڭىلىق ئەمەس. ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، گىرېتسىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنى تاشلىدى ياكى تاشلاش ئالدىدا تۇرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ رەقەملىك ياش دەلىللەش سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.
ئەمما قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ياۋروپانىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ ئورگانلىرى بۇ خىل بەلگىلىمىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولغاندا ئۇنى «قوغداش ۋە تەرتىپكە سېلىش» دەپ كۆرسەتسە، نۆۋەت تۈركىيەگە كەلگەندە، «تالاش-تارتىشلىق چەكلىمە ۋە نازارەت» دەپ ئاتايدۇ. ئوخشاش تەدبىر، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان رامكا.
****
تۈركىيە 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن بىر قانۇن چىقاردى. 23-ئاپرېل تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان بۇ قانۇن، 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ھېسابات ئېچىشىنى چەكلەيدۇ ھەمدە ئىنتېرنېت تەمىنلىگۈچىلەردىن ئىشلىتىش ۋاقتىنى نازارەت قىلىش ۋە تىزىمغا ئېلىش ئۈچۈن ماقۇللۇق ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنىق ئاتا-ئانىلار نازارەتچىلىكىنى يولغا قويۇشنى شەرت قىلىدۇ.
قانۇنغا ئاساسەن، سۇپىلارنىڭ شىكايەتلەرنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ئازدۇرغۇچى ئېلانلارغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى كۈتۈلمەكتە. ئەكسىچە بولغاندا، بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئېلان چەكلىمىسى ياكى تور كەڭلىكىنى چەكلەش قاتارلىق جازالار بىلەن نەتىجىلىنىشى مۇمكىن. رەقەملىك ئويۇن سۇپىلىرىنىڭمۇ ياش چەكلىمىسى بەلگىلىمىلىرىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا. بۇ قانۇن «رەسمىي گېزىت»تە ئېلان قىلىنغاندىن ئالتە ئاي كېيىن يولغا قويۇلىدۇ.
«دېر شپىيېگېل»نىڭ زىددىيىتى
تاراتقۇلارنىڭ بىرەر مەسىلىنى مۇئەييەن چۈشەندۈرۈش رامكىسىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇش شەكلى، قارشى پىكىرنىڭ چۈشىنىلىشىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاراتقۇ ئورگانلىرى مۇئەييەن بىر مەسىلىگە نىسبەتەن تونۇش شەكىللەندۈرۈش ۋە شۇ مەسىلە ھەققىدە مەلۇم بىر تەرەپلىمە ئويلىنىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن بۇ ئۇسۇلنى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىدۇ.
تاراتقۇ شىركەتلىرى بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ۋە تاراتقۇ نەزەرىيەسىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلسىمۇ، ئەمما مەزمۇننى مۇئەييەن بىر تەرەپكە بۇراپ سۇنۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ياۋروپا تاراتقۇ شىركەتلىرى مەسىلە تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا، ئىزچىل تۈردە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان مىساللارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
گېرمانىيە تاراتقۇسى «دېر شپىيېگېل»نىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى تونۇشتۇرۇش شەكلى بۇنىڭغا جانلىق مىسال بولالايدۇ. «دېر شپىيېگېل»نىڭ مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن پىلانلانغان بولسۇن، مەيلى تۈركىيە تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولسۇن، ئوخشاش تۈردىكى بەلگىلىمىلەرگە قارىتا تۇتقان ژۇرنالىستلىق پوزىتسىيەسى بىر-بىرىگە تۈپتىن زىت. بۇنى پەقەت بىر زىددىيەت دەپلا ئاتاش ئەھۋالنى بەكلا ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە ئوچۇق - ئاشكارا بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت.
«دېر شپىيېگېل» مەسىلىگە ئالاقىدار ياۋروپا ئىتتىپاقى بەلگىلىمىسىگە «قوغداش ۋە تەرتىپكە سېلىش» دەپ ئېنىقلىما بەرسە، تۈركىيەنىڭ ئوخشاش تەدبىرىنى «تالاش-تارتىشلىق بىر چەكلىمە ۋە نازارەت» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئەھۋال ھەر جەھەتتىن ئېنىق بىر تۇراقسىزلىقنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
****
DW تۈركچەگە قارىتىلغان تەنقىدلەر
DW تۈركچەنىڭ بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىنى سۇنۇش شەكلىمۇ مۇئەييەن بۇرمىلاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەسلەپتە تەرەپسىز بىر خەۋەر تېكىستىدەك كۆرۈنگەن بىر ماقالىدە، «بۇ چەكلىمىنىڭ چوڭلارغىمۇ تەسىر قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا» ياكى «بۇ تەدبىرنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇرامىغا يەتكەن ئىشلەتكۈچىلەرنى نىشان قىلغان بولۇش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئەندىشەلەر بار» دېگەندەك ئىبارىلەر نۇرغۇن يەرلەردە ئۇچرايدۇ. بۇ ئەھۋال ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن پاسسىپ بىر باھا رامكىسى يارىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەم ژۇرنالىستلىق پىرىنسىپلىرىغا، ھەم ئوقۇرمەنلەرگە كۆپ خىل نۇقتىئىنەزەر بىلەن مەزمۇن سۇنۇش نىشانىغا زىتتۇر.
VPN لەرنىڭ «تۈركىيەگە ئوخشاش ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرى بار دۆلەتلەردە سېنزۇرنى بېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللار» دەپ تەسۋىرلىنىشىمۇ، بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك تەنقىد قىلىنماقتا. DW تۈركچە 2020-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەلگىلىمىلىرىنى پاسسىپ شەكىلدە تەسۋىرلەپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر پوزىتسىيەنى نامايان قىلغانىدى. ئۇ چاغلاردا، بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنىڭ «گېرمانىيەگە ئوخشاش يۇقىرى قانۇنىي ئۆلچەمگە ئىگە دۆلەتلەردە» مۇمكىنلىكى، ئەمما «مۇستەبىت دۆلەتلەردە سۇيىئىستېمال قىلىنىش خەۋپى يۇقىرى» ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغانىدى. بۇ پوزىتسىيە بۈگۈن سەل يۇمشىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئېنىق سېزىلىپ تۇرماقتا.
چارە ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرى
پەقەت تۈركىيەلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر بالىلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەردىن قوغداش ئۈچۈن چارە ئىزدىمەكتە. نۇرغۇن دۆلەتلەر 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقتا. بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، رەقەملىشىش جەريانىدا تېخىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىغان زېھىن چېچىلىش، بوزەك قىلىش، قىزىقىشنى يوقىتىش، قوراللارنى مەدھىيەلەش ۋە رادىكاللىشىش قاتارلىق كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان مەسىلىلەر بار.
ئاۋسترالىيە بۇ خىل قانۇننى يولغا قويغان تۇنجى دۆلەت بولدى ۋە 2025-يىلى دېكابىردا 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ TikTok، Instagram، Snapchat، X ۋە Facebook قاتارلىق سۇپىلارغا كىرىشىنى چەكلىدى. فىرانسىيەمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنى تاشلىدى ۋە كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ئالاقىدار بىر قانۇن قوبۇل قىلىندى. بىر قانچە ئاسىيا دۆلىتىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەلگىلىمىلەر بار.
دانىيە ۋە نورۋېگىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 ۋە 16 ياشتىن تۆۋەنلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇ چەكلىمىلىرىنى يولغا قويۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. نورۋېگىيە باش مىنىستىرى يۆناس گاھر ستور ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تالاش-تارتىش ئەنگلىيەدىمۇ داۋاملاشماقتا. باش ۋەزىر كېير ستارمېر نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ بالىلارنى ئىنتېرنېتنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قوغداشتا يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گىرېتسىيە 2027-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ 15 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى سەۋىيەسىدە بولسا، كومىتېت رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن يېڭى بىر «رەقەملىك ياش دەلىللەش ئەپى»نىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئىشلىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بولسا بۇ ساھەدە ئاللىبۇرۇن كەڭ كۆلەملىك بىر ئورتاق پىكىرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئوخشىمىغان ئۇسۇللارغا قارىماي، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كۈنسېرى رەقەملىشىۋاتقان دۇنيادا بالىلارنى قوغداشقا ئوخشاش ئورتاق بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارا. تۈركىيە بۇ يېڭى بەلگىلىمە بىلەن مۇشۇنداق دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ، بالىلارنى رەقەملىك تورلارنىڭ پاسسىپ تەسىرىدىن قوغداشنى كۆزلىمەكتە.
















