قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىدىن سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر، تارىخىي بىر چېركاۋغا قارىتىلغان ھۆرمەتسىزلىكنى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئىشغالى ئاستىدىكى زېمىنلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دىنىي شەخسلەر بىلەن مۇقەددەس جايلارنى نىشانلىغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇملار زەنجىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بىر ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى تارىخىي ئەزىز ياقۇپ كاتېدرالىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى. دائىرىلەر بۇ ۋەقەنىڭ دىنىي سورۇنلارغا ۋە دىنىي زاتلارغا قارىتىلغان كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ھۇجۇم تۈرىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
قۇددۇس ۋالىيلىقى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن بىخەتەرلىك كامېراسى كۆرۈنۈشلىرىدە، ئۇ كىشىنىڭ چېركاۋنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كۆپ قېتىم تۈكۈرگەنلىكى، ئەخلاقسىز بىر ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە مەسخىرە قىلغان ھالدا كىرىست بەلگىسى چىقارغانلىقى كۆرۈنىدۇ.
بۇ ۋەقە دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەڭ كونا ئەرمەنى خىرىستىيان جامائەتلىرىنىڭ بىرىگە ۋە نۇرغۇنلىغان مۇھىم دىنىي بىنالارغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان ئەرمەنى مەھەللىسىدە يۈز بەردى.
تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھۇجۇم تۈرىنىڭ بىر قىسمى
بۇ ھۆرمەتسىزلىك ۋەقەسى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا بىر راھىبىگە ھۇجۇم قىلىنىپ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىن يۈز بەردى. بۇ ئەھۋال، چېركاۋ رەھبەرلىرى خىرىستىيان ۋە مۇسۇلمان دىنىي زاتلىرىغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىكنىڭ ئەندىشە قىلارلىق دەرىجىدە ئېشىشى دەپ سۈپەتلىگەن بىر ھالەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن دىنىي زات ۋە راھىبىلەر، دىنىي ئورگانلار شەرقىي قۇددۇستا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى بارغانسېرى كۆپ تىلغا ئالماقتا.
چېركاۋ مەسئۇللىرى بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلاشقا كۆپ قېتىم چاقىردى ھەمدە تەكرارلانغان ھۇجۇملارنىڭ ئاللىبۇرۇن زىل ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان شەھەردە جىددىيچىلىكنى ئاشۇرۇش خەۋپى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن قارىغاندا بولسا، ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردا زوراۋانلىق ئەۋج ئالماقتا. پەلەستىنلىكلەرمۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر رايونىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پات-پات يۈز بېرىدىغان ھۇجۇملارغا دۇچ كەلمەكتە.










