ئۇكرائىنا دائىرىلىرى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى خېرسون شەھىرىدە بىر ئاپتوبۇسقا قىلىنغان رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە يەتتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رايون ۋالىيسى ئولېكساندىر پروكۇدىن تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پروكۇدىن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ھەمبەھىرلىگەن كۆرۈنۈشلەردە ئەينەكلىرى چىقىلىپ كەتكەن كەتكەن ئاپتوبۇسنى ۋە قان ئىزلىرى بولغان بىر جەسەتنى كۆرسەتتى.
ئۇكرائىنا ئىنسان ھەقلىرى نازارەتچىسى دمىترو لۇبىنېتس تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: "بۇ خىل ھۇجۇملار بىگۇناھ خەلققە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىستېمىلىق تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر" دېدى.
رۇسىيە قىسىملىرى ئىشغال قىلغان بىردىنبىر رايون مەركىزى بولغان خېرسون 2022-يىلى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى، ئەمما شەھەر دىنىيېپېر دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بارغانسېرى كۆپ ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئۇكرائىنا دائىرىلىرى موسكۋا كۈچلىرىنى سېپىل لىنىيەسىگە يېقىن رايونلاردا، بولۇپمۇ خېرسوندا پۇقرالارنى نىشان قىلغان قەستەن ۋە سىستېمىلىق كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بېرى دېگۈدەك ھەر كۈنى رۇسىيە ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇۋاتقان ئودېسا رايونىمۇ كېچىچە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
رايون ۋالىيسى ئولېھ كىپېر تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پورتتىكى ئامبار ۋە ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ كېچىچە قويۇپ بەرگەن 163 دانە ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن 142 سىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.











