سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلىنىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى ۋە ئىراننىڭ «يادرو قورالسىزلىنىشى» مەسىلىسىدە يېقىن ئارىدا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ: ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلىنىدۇ
ترامپ «ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇرلۇق ئايروپىلانى»دا مۇخبىرلارغا ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتنىڭ دۈشەنبە كۈنى باشلىنىشى كۈتۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى سۆھبەتنىڭ چۈشتىن كېيىن باشلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى بىر ھۇجۇمغا قارشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى ۋە ئىراننىڭ «يادرو قورالسىزلىنىشى» مەسىلىسىدە يېقىن ئارىدا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېرىلاند ئىشتاتىدىكى ئاندىرىيۇس بىرلەشمە بازىسى (Joint Base Andrews) غا قارا يولغا چىققان «ئامېرىكا 1-نومۇرلۇق ھەربىي ئايروپىلانى» (Air Force One) دا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن ترامپ؛ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ، جۈمە كۈنىگە پىلانلانغان «كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە: «ئۇلار بىزنىڭ بۇ ھۇجۇمنى قىلىشىمىزنى خالىمىدى، راستىنى ئېيتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ خالىمىدى. چۈنكى كېلىشىمگە ئىنتايىن يېقىنلاشتۇق، دەپ قارالدى... بۇ ئەھۋال ھورمۇز بوغۇزىغا ۋە ئاخىرقى ھېسابتا يادرو قورالسىزلىنىش مەسىلىسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك» دېدى.

ترامپ يەنە: «ئۈچ ئاساسلىق گۇرۇپپا بىزدىن بۇنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا، ئىرانمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك شەكىلدە تەلەپ قىلدى ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر ئاخىرقى مۇددەت بېكىتىلگەن ياكى بېكىتىلمىگەنلىكى سورالغاندا، ترامپ ئالدىن بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

«كۈتۈپ باقايلى» دېگەن ترامپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە تەييار تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «خالىغان ۋاقتىمىزدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييارمىز. مەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئەلا بىلەمدىم؟ (ئەلۋەتتە). ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئويلىمايمەن، چۈنكى ئۇرۇشتا ئادەملەر ئۆلىدۇ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلىدۇ، بىز بۇنى خالىمايمىز» دېدى.

ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى سورالغاندا، ترامپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.

«كېلىشىم رامكىسى ئۈستىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىندى»

بۇ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات؛ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىلگىرى بىر كېلىشىم رامكىسى ئۈستىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇم پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ تۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارار تېز سۈرئەتتە كېلىشىم تۈزۈش شەرتىگە ئاساسەن چىقىرىلغان.

ترامپ «تراست سۆشال» (Truth Social) سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ھۇجۇم باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىران ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ كۈتۈپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، كېلىشىم رامكىسى ئۈستىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى «دەرھال، تولۇق ۋە قەتئىي» قايتىدىن ئېچىشنى ھەمدە «ئىراننىڭ يادرو تەھدىتىگە خاتىمە بېرىش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ترامپ: «مەن مەزكۇر تەلەپكە ئاساسەن، دۇنيانىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتى شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەم گۈللەنگەن بىر ئىراننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، تېز سۈرئەتتە بىر كېلىشىم تۈزۈش شەرتى بىلەن ھۇجۇمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلدۇم» دېدى.

ئۇ شۇنداقلا، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ «بۇ ۋەدىسىدە ئۆزىگە قوشۇلغانلىقىنى» تىلغا ئالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ترامپ، پىلانلانغان ھۇجۇمنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى «تولۇق قوراللانغان، ھوشيار ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار» ھالەتتە تۇرغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 34 كە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن بىلەن بىر كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىن قارسقا ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
پاكىستاندا ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 28 ساقچى يارىلاندى
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنادا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ترامپ: ئەنگلىيە شىمالىي دېڭىزنى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ئاچىدۇ
گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سانى 3 كە يەتتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى