خىتاي 2800 سۈنئىي ھەمراھدىن تەركىپ تاپقان ئالەم بوشلۇقى سۈنئىي ئەقىل تورى قۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئالەم بوشلۇقىدا يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش، لازېرلىق ئالاقە ۋە سوۋۇتۇش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىدىغان سەككىز سۈنئىي ھەمراھنى ئوربېتاغا قويۇپ بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە (2026-يىلى 13-ئۆكتەبىر) كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي «2E-جۇچۈ Y4» (Zhuque-2E Y4) توشۇغۇچى راكېتاسى ئارقىلىق 10 سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ئەقىل ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن سەككىز سۈنئىي ھەمراھمۇ بار.
خەۋەرگە قارىغاندا، راكېتا خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرق شامىلى (Dongfeng) سودا ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىدىن شۇ يەر ۋاقتى 19:40 تا قوزغالغان ۋە 10 سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەممىسىنى بەلگىلەنگەن ئوربېتاغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بەرگەن. بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ سەككىزى خىتاينىڭ سودا ئالەم قاتنىشى شىركىتى «ADAspace» تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان يۇلتۇز ھېسابلاش (Star Compute) تۈرىنىڭ ئىككىنچى گۇرۇپپىسىغا ئائىت ئىكەن.
شەپەق-قاراڭغۇلۇق ئوربېتاسىدا ئىشلەش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بۇ سۈنئىي ھەمراھلارغا، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش سىستېمىسى، لازېرلىق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۆۋەن يورۇقلۇقتىكى كامېرالار ئورنىتىلغان. ئۇلار 10 مىڭ ۋاتلىق سۇيۇقلۇق سوۋۇتۇش سىستېمىسى، چوڭ تىپتىكى ئېچىۋېتىلىدىغان سوۋۇتۇش قۇرۇلمىلىرى، ئالەم بوشلۇقىدىكى لازېرلىق ئالاقە تورى ۋە سۈنئىي ئەقىل ئاساسىي مودېللىرىنى بىۋاسىتە ئوربېتادا تەربىيەلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى سىناق قىلىدۇ.
ئالەم بوشلۇقى سۈنئىي ئەقىل تورى پىلانى
خىتاينىڭ سودا ئالەم قاتنىشى شىركىتى 2800 سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىب تاپقان سۈنئىي ئەقىل ئۇل- ئەسلىھە تورى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۇنجى گۇرۇپپىدىكى 12 سۈنئىي ھەمراھ 2025-يىلى مايدا ئوربېتاغا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. شىركەت يانۋاردا بولسا، ئۆزىنىڭ ئوربېتادىكى ھېسابلاش تورىدا «ئەلى بابا» نىڭ «Qwen3» سۈنئىي ئەقىل مودېلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شىركەت 2030-يىلغىچە 1000 سۈنئىي ھەمراھلىق تور قۇرۇپ، 2035-يىلغىچە بولسا، بۇ چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھ تۈركۈمىنى تولۇق قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Anthropic warns AI models may soon replicate themselves without data centres




















