پىكىر-مۇلاھىزىلەر
تۈركىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى جاسۇس ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇنى قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى 12 يىلدىن بېرى قېچىپ يۈرگەن جاسۇس ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇنى سۈرىيە-لىۋان چېگراسىدا قولغا چۈشۈردى.
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى جاسۇس ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇنى قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى
Önder Sığırcıkoğlu / AA
3 سائەت بۇرۇن

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن سۈرىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قولغا چۈشكەن قاچقۇن جاسۇس سىغىرجىئوغلۇ ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەنقەرە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۆبە مۇدىرىيىتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

سىغىرجىئوغلۇ سۈرىيەنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى

ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ 2011-يىلى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىدىن ھۈسەيىن ھارمۇش بىلەن مۇستافا كاسسۇمنى تۇتقۇن قىلىپ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ۋە ھۈسەيىن ھارمۇشنىڭ قىيناش نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. سۈرىيەنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ 2013-يىلى «زوراۋانلىق، تەھدىت ياكى ئالدامچىلىق يولى بىلەن كىشىنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش» جىنايىتى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، 2014-يىلى ئوسمانىيە ئوچۇق تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەنىدى.

ئۇنىڭ تۈرمىدىن قېچىشىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارمىقى بارلىقى بايقالدى

ئۇنىڭ قېچىش جەريانىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق قۇرۇلمىلارنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ئېنىقلاندى. دېلو ئۇچۇرلىرىنىڭ قانۇنسىز شەكىلدە ئۆزگەرتىلگەنلىكى، جازا مۇددىتىنىڭ خاتا ھېسابلانغانلىقى ۋە رۇخسەت جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ سادىر قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە، ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇغا ئائىت ئەيىبنامىنىڭ 2014-يىلى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى يۈك ماشىنىلىرى دېلوسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى تەپتىش ئۆزجان شىشمان تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ئاشكارىلاندى. سىستېمىغا كەمتۈك ھالەتتە كىرگۈزۈلگەن جازا ئىجرا قىلىش ھۆججەتلىرىگە بولسام فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى جازا ئىجرا قىلىش مۇپەتتىشى يۇنۇس باقىنىڭ ئىمزا قويغانلىقى ئىسپاتلاندى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى قەدەممۇقەدەم ئىز قوغلىدى

ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن ئۇزۇن يىللار سۈرىيە، رۇسىيە ۋە لىۋانغا ئوخشاش دۆلەتلەردە يوشۇرۇنۇپ يۈردى. مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سىغىرجىئوغلۇنىڭ ئىزىنى يوقاتماي، ئۈزلۈكسىز ئىز قوغلاش تورى قۇردى. بۇ مەشغۇلاتتا فىزىكىلىق كۆزىتىش، تېخنىكىلىق تىڭشاش، تور ئارقىلىق ئىز قوغلاش ۋە ئىستىخباراتنىڭ نۇرغۇنلىغان ۋاسىتىلىرى قوللىنىلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىستىخباراتى تەرىپىدىن ھىمايە قىلىندى

ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ سۈرىيەگە پاناھلانغاندىن كېيىن، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىستىخباراتى تەرىپىدىن قوغداش ئاستىغا ئېلىندى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭدىن تۈركىيەگە قارشى ئاكتىپ ئىستىخبارات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى. سىغىرجىئوغلۇ بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بەزى شەخسلەرنىڭ سالاھىيەت ۋە ھەرىكەت ئۇچۇرلىرىنى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىستىخباراتىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

تۈركىيەگە قارشى نۇرغۇن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى

ئۇ THKP/C-Acilciler (سۈرىيە قارشىلىق كۆرسىتىش) تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى مىھراج ئۇرال ۋە 2018-يىلى قولغا چۈشكەن خاتاي / رەيھانلى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ جىنايەتچىسى يۈسۈپ نازىك بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇردى. مىھراج ئۇرالنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن تۈركىيەگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ باردى. بۇ ئىككەيلەن ساختا سىنلار ئارقىلىق پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، تاراتقۇلاردا مىش-مىش خەۋەرلەرنىڭ چىقىشىنى قولايلىقلاشتۇردى.

ئۇ بىر خەۋەر تور بېكىتىگە بەرگەن زىيارىتىدە: «ھۈسەيىن ھارمۇشنى شەخسەن ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، بۇ قىلمىشىنى تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنى خاتا دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن قىلغانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىش پىلانىنى ئۆزى تۈزگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن ھېچقانداق پۇشايمان قىلمايدىغانلىقى»نى بايان قىلغانىدى.

رەيھانلى تەلۋىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى

ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ رەيھانلى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ جىنايەتچىسى يۈسۈپ نازىك بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى. سىغىرجىئوغلۇ بىلەن نازىك بىر مەزگىل سۈرىيەدە بىر ئۆيدە تۇردى. ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ ئارىسىدىكى يېقىنچىلىق سەۋەبىدىن، يۈسۈپ نازىكنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سۈرىيە ئىستىخباراتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىنمۇ پايدىلاندى. 2018-يىلى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن يۈسۈپ نازىك ئۆز بايانىدا ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ تەرىپىدىن تۈرمىدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

رۇسىيە ئىستىخباراتىغىمۇ ئىشلىدى

ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ رۇسىيە ئىستىخباراتى بىلەنمۇ ئالاقە ئورنىتىپ سۆھبەتلەشتى ھەمدە تۈركىيەگە ئائىت ئىستراتېگىيەلىك ۋە نازۇك ئۇچۇرلارنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى قەدەممۇقەدەم پىلانلاندى

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن، فىزىكىلىق ۋە تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى بېكىتتى. ئالاقە تورى ۋە پاناھلانغان جايلىرىنى ئېنىقلاپ، سىستېمىلىق ھالدا كۆزەتتى. ئېلىپ بېرىلغان ئىستىخبارات تەھلىللىرى ئارقىلىق، ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇنىڭ ئاۋۋال سۈرىيەدە، ئاندىن لىۋاننىڭ جەبەل مۇھسىن رايونىدىكى بىر ئۆيدە يوشۇرۇنغانلىقى، كېيىن رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن مىسىر ئارقىلىق قايتىدىن لىۋانغا ئۆتكەنلىكى ئېنىقلاندى.

سىغىرجىئوغلۇنىڭ قايتىدىن سۈرىيەگە ئۆتمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن سۈرىيە ئىستىخباراتى ئوتتۇرىسىدا مەخپىي ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش پىلانى تۈزۈلدى. ئىككى دۆلەت ئىستىخباراتى چېگرا لىنىيەسىدە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، جىنايەتچىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنى كۈتتى. شۇنداق قىلىپ، 12 يىللىق قاچقۇن سۈرىيە-لىۋان چېگراسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇ قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە ۋە سۈرىيە ئىستىخباراتىنىڭ بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى

ئۇ قولغا چۈشكەندىن كېيىن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن سۈرىيە ئىستىخباراتى ھۈسەيىن ھارمۇشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان جەريان ھەققىدە بىرلىكتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى.

ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن سىغىرجىئوغلۇنىڭ ھازىرقى 20 يىللىق قاماق جازاسىدىن سىرت، سىياسىي ۋە ھەربىي جاسۇسلۇق، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىش، ۋەزىپىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش جىنايەتلىرى بىلەنمۇ ئەيىبلىنىپ سوتلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئۆندەر سىغىرجىئوغلۇنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى بىلەن تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىخبارات سەۋىيەسىدىكى ھەمكارلىق رايون خاراكتېرلىك تەڭپۇڭلۇقتا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەشغۇلات بىلەن 2011-يىلىدىكى خائىنلىقنىڭ جىنايەت گۇماندارى قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقى، ئىستىخبارات چوڭقۇرلۇقى ۋە مەشغۇلات جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى يەنە بىر قېتىم تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە لىۋان زېمىنىغا تېخىمۇ چوڭقۇر بېسىپ كىرىش پىلانىنى تۈزمەكتە
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا بىر زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 4 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلىشىنى ئۇكرائىنانىڭ دونباستىن چېكىنىشىگە باغلىماقتا
ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 14 -، 15 - مايغا كەچۈرۈلدى
ئاسىيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدىكى سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى باشلىقى پاكىستاندا ئىران-ئامېرىكا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتە
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى
ئىراقتا ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى
ئىران ترامپنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارىماي، رايون مىقياسىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتتتى
ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى: غەززە ۋەزىيىتى «ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا»
ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە ۋانسنى تاللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
ئىران رايونلۇق ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى  ئورنىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە
ئەردوغان بىلەن ئەل سانى بىر-بىرىگە تەزىيە بىلدۈردى
كۇبا ئامېرىكا جازالىرىغا جەڭ ئېلان قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىنى قوبۇل قىلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بوشەھر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى