خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئىراقتا مەخپىي بازا قۇردى ۋە ئۇنى بايقىغان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى قوللاش ئۈچۈن ئىراقتا مەخپىي بازا قۇردى ۋە ئۇنى بايقاش ئالدىدا تۇرغان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئىراقتا مەخپىي بازا قۇردى ۋە ئۇنى بايقىغان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئىراقتا مەخپىي بازا قۇردى ۋە ئۇنى بايقىغان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى / AP

 The Wall Street Journal نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئامېرىكاغا مەلۇمات بەرگەن ئاساستا ئىراقنىڭ چۆللۈك رايونىدا مەخپىي بىر ھەربىي بازا قۇرغان ۋە بازىنى بايقاشقا ئازلا ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

 

The Wall Street Journal نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قوللاش مەقسىتىدە ئىراقنىڭ چۆللۈك رايونىدا مەخپىي بىر ھەربىي بازا قۇغان.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى توقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بازىنى بايقاش ئالدىدا تۇرغان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بازا ئىران ئۇرۇشى باشلىنىشتىن سەل ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ خەۋىرى بار، ئەمما ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرى ياكى تەستىقى بولمىغان ھالدا قۇرۇلغان ئىدى.

ئىراق دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىر پادىچىنىڭ گۇمانلىق ھەربىي پائالىيەتلەرنى كۆزەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىشى بىلەن ئىراق ئەسكەرلىرى تەكشۈرۈش باشلىغان ۋە بازا مارت ئېيىنىڭ بېشىدا ئاشكارىلىنىشقا ئازلا قالغان.

ئىسرائىلىيە ئىراق كۈچلىرىنىڭ بازىغا يېتىپ بېرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. بۇ ھۇجۇم بىر ئىراق ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن ئىراق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.

ئىراق بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قەيس ئەل مۇھەممەداۋى دۆلەت تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ پەرۋاسىز ھەرىكەت ھېچقانداق ماسلىشىش ياكى تەستىقسىز ئېلىپ بېرىلدى» دېدى.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ بۇ بازىنى ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۈچۈن بىر ئەشيا ئوبوروت مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭمۇ بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ خەۋەرگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

28-فېۋرالدىن بۇيان رايونلۇق جىددىيچىلىك شىددەت بىلەن كۈچەيدى ۋە ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ھەمدە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا يول ئاچتى.

8-ئاپرېلدا پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىك قىلىشى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلدى، ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېيىنچە ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلىمىگەن ھالدا ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆزئارا ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پەيتلەردىكى ھۇجۇملاردا 20 ئۇكرائىنالىق ئۆلدى
كۇبا ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۇرۇشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 373 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشىمىز FIFA نىڭ بېرىدىغان كاپالىتىگە باغلىق
ئىران: «ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا ئۆلدى»
ئامېرىكا-ئىران جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن پاي چېكى تۆۋەنلىدى، نېفىت باھاسى يۇقىرى ھالەتتە
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ: «ئىران بىلەن «كىچىك ئۇرۇش» ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى
ئۇرۇشنىڭ تەننەرخى ئېغىر، ئامېرىكالىقلار ئاپتوموبىلنى ئاز ئىشلەتمەكتە، تەتىللەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىدا تۈركىيە ۋەھىمىسى: ياۋروپا ئەنقەرەگە يۈزلەنمەكتە
غەربىي بېنگال ئۆلكىلىرى سايلىمىدا مودىنىڭ باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى «تارىخىي» غەلىبە قازاندى
2026-يىللىق «ساھا» مۇداپىئە كۆرگەزمىسى بۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ
خىتايدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا غايەت زور پارتلاش يۈز بېرىپ، 21 كىشى ئۆلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 14 كىشى ئۆلدى، 60 كىشى يارىلاندى
جەۋدەت يىلماز 8-نۆۋەتلىك ياۋروپا سىياسىي جەمئىيىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
مىرزىيايېۋ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى